ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-12
خىتاينىڭ يېمەك - دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن 'ۋېئاۋ دورا ھەسسىدارلىق شىركىتى' ئىشلىگەن بوۋاسىر )گېموروي( دورىسىنى دەرھال يىغىۋېلىشنى جاكارلىدى.
2008-11-12
خىتاينىڭ ياشىن تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، يېزىلاردا دېھقانلار ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتكەن يەر 1 مىليون 309 مىڭ موغا يەتكەن ئىكەن.
2008-11-12
ئەنگلىيىدىكى نيۇ كەسسول ئۇنىۋېرسىتېتى ساختا تەرجىمىھال يوللاپ ئوقۇشقا كىرگەن 50 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى يېقىندا مەكتەپتىن چىقىرىۋەتتى.
2008-11-12
خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇزلۇقلارنى كۆزەتكۈچى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، تەڭرىتاغلىرىدىكى كۆلىمى 7.27 كۋادرات كىلومېتىرلىق مۇزلۇق 1964 - يىلىدىن 2008 - يىلغىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارىيىپ 5.52 كۋادرات كىلومېتىر قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-11-11
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2008 - يىللىق دوكلاتىدا، مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۆلۈم ئاجرىتىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2008-11-11
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.
2008-11-11
يېقىندىن بېرى قازاقىستاندا قازاق مىللەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى داۋرىڭى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.
2008-11-11
ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى شەھىرىدىكى جاۋاھارلال نەھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان `دۇنياۋىلىشىش ۋە ئوتتۇرا ئاسيا` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى رەسمىي باشلانغان.
2008-11-11
خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان قارا تەنلىكلەردىن كېلىپ چىققان باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى پۈتۈن دۇنيادا ئېرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم ھوقۇقتا باراۋەر بولغان ئادىل جەمئىيەت قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
2008-11-11
ئابدۇرېھىم راخمان ئاتۇش مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان، لېكىن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى قىرغىزىستاندا ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك شائىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-11-11
دەسلەپتە جياڭسۇلۇق كارخانىچى تاۋ شۇلۇڭ شىركەتنىڭ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ئارقىدىنلا گولىپ توپ كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتتى.
2008-11-11
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش باھانىسىنى كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ، خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، مېيىپ قىلىنىش شۇنىڭدەك يوقاپ كېتىش ۋە ئۆلتۈرۈلۈشكە ئوخشاش كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى سوئال - سوراقلىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
2008-11-11
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ، سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پراناب مۇكخېرجېنىڭ ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈردى.
2008-11-11
ئۇيغۇر ئېلى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىزىلسۇ پارتكوم بىرلىك سېپى، "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى ھەر بىر كەنت ھەر بىر ئائىلىگىچە ئېلىپ كىرىش" شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە قىزىلسۇنىڭ ھەر بىر ناھىيە، يېزا، كەنتلىرىدە ھەر ساھە، ھەر كەسپ بۇيىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش كونكرېت تەربىيە پروگراممىسى بۇيىچە سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان.
2008-11-11
روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە مەكتۈپ يوللاپ، ئەگەردە ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى قارار قىلسا،ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.