ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-09
رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان پىلوتىنىڭ بىر كىچىك تىپتىكى يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىدا ئېغىر چاتاق چىقىپ، 20 ئادەم ئۆلۈش ۋە 21 ئادەم يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2008-11-07
گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاۋابنامە يوللاپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىدە گېرمانىيە - خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-11-07
بۈگۈن كوممۇنست خىتاينىڭ 'دېڭىز جەمئىيىتى' دېگەن ئورگىنىنىڭ باشلىقى چېن يۈنلىن تەيۋەن زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتقان. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەمەلدارى چېن يۈنلىن تەيۋەن تەرەپ بىلەن ھاۋا قاتنىشى، دېڭىز قاتنىشى، پوچتا قاتنىشى ۋە يېمەك بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت 4 خىل كېلىشىم ئىمزالاپ بۈگۈن بېيجىڭغا قايتقان.
2008-11-07
مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن يەنى 7 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى. يىغىن نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان پەرقلىق مىللەت ۋە دىنلار ئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
2008-11-07
تۈنۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئەركىن ئاسيا رادىئوسىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن 2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ بېشىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئابدۇللا ئەپەندى، 11 - ئايغىچە 5 ئاي ساقچى ئىدارىسىدا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، بۇ 5 ئاي جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ قېيىن - قىستىغى جەريانىدا بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
2008-11-07
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شىتابىدا رەسمى باشلانغان.
2008-11-07
2008 - يىلى 6 - نويابىر پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ۋە كەسپى تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى.
2008-11-07
دوۋېي تور بېتىگە 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى " تاللاش پەيتى قىستاپ كەلمەكتە "سەرلەۋھىلىك ماقالە يازغان چۈ يۆ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئىنقىلاب قىلىش ياكى يارىشىشنىڭ يۈگرەش مۇسابىقىسىنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئىككى ئوتتۇرىدا تاللاش پەيتلىرىنىڭ كۈنسېرى قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىست كۈچلەرگە ۋە ھەر خىل كۈچلەرگە بېرىلگەن تاللاش ۋاقتىنىڭ ئۇنداق كۆپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
2008-11-07
2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئوباما ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىق ھوقوقىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئامېرىكا تارىخىدا 1968 - يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا ئوخشاش، يېڭى پرېزىدېنتنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق ھوقوق ئۆتكۈزۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
2008-11-07
خىتاي مائارىپ تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپنىڭ يەنىمۇ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا " قوش تىللىق مائارىپ تەشۋىقاتى" ئۈچۈن سەييارە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
2008-11-07
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇشىچە، نۆۋەتتىكى پەسىل ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ جىددىي تارقىلىش مەزگىلى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يۇقۇمچان قول، پۇت،ئېغىز ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇۋاتقان ئىكەن.
2008-11-07
جۈمە كۈنى، ئەتىگەن سائەت 10دا تەيۋەندە بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى تاماملىغان خىتاي دۆلەتلىك خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن يۈنلىن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى.
2008-11-07
مىللەت ۋە دىنلار ئارا دىئالوگنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 7 - نويابىر ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى.
2008-11-06
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە 1944 - يىلى ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.
2008-11-06
4 - نويابىردىكى ئامېرىكا مەملىكەتلىك سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى رەقىبى جون مىككېييىننى مەغلۇپ قىلىپ، 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان باراك ئوباما كېلەر يىلى 1 - ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرا - ئولتۇرماي جىددىي رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.