ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-11-25
بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي مىللەتچىلىكى 1911 - يىلى سۇن جۇڭسەننىڭ قولى بىلەن پەيدا بولغان ئىدى. 2008 - يىلى 2 - ئايدا ب ب س نىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك ئىپادىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان.
2008-11-25
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئىگە بولۇشىمىزغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئىشتىن بوشىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئورنىغا خىتايلار قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى نامىدا ئىشقا ئورۇنلاشماقتا.
2008-11-25
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات تورلىرىدا بۈگۈن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يەنە 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان.
2008-11-25
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نويابىردىن باشلاپ ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى بىڭتۇەندىن باشقا ناھىيىلەردە دېھقانلارنىڭ قىشلىق ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن دېھقانلارنى ھەر خىل باھانىلاردا ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.
2008-11-25
24 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتىدا گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان سوتتا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت، سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2008-11-25
گرېتسىيىدە پورت ئىشچىلىرى سەيشەنبە كۈنى 24 سائەت ئىش تاشلىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ نارازىلىقىغا،گرېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتىنى خىتايغا 35 يىللىق ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى سەۋەب بولغان.
2008-11-24
ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى دۈشەنبە كۈنى سوت ئېچىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسىنى كۆرۈپ چىقتى.
2008-11-24
يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ 22 - نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنگەن ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. خەۋەردە مۇئاۋىن نازىرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.
2008-11-24
مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغ شەھىرى - دارامسالادا ئاچقان دۇنيا تېبەت قۇرۇلتېيى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ 6 كۈنلۈك قۇرۇلتاي ئىككى كۈن سرتقا ئوچۇق يىغىن ئاچتى، قالغان 4 كۈندە يېپىق يىغىن ئاچتى.
2008-11-24
خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان نارازىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى.
2008-11-24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە.
2008-11-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە سىياسىي تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدە ھەتتا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
2008-11-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە سىياسىي تەلىم - تەربىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدە ھەتتا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
2008-11-24
خوتەن ناھىيىسىدە پېنسىيىگە چىققان كادىرلارنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن بولۇپ، "شىنجاڭ ئامانلىق تورى" دا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ناھىيىسى مۇناسىۋەتلىك تاماقلىرى پېنسىيىگە چىقىدىغان كادىرلار چوقۇم "پېنسىيىگە چىقىش ئەھدىنامىسى " گە ئىمزا قويۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان.
2008-11-24
ئامېرىكىغا جايلاشقان "قورال ۋە قىزىلگۈل" مۇزىكا ئەترىتى يېقىندا بازارغا سالغان " خىتاي دېموكراتىيىسى" ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىغا ئائىت تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ناخشا لېنتىسىنىڭ تور بېتى خىتايدا ئېچىلمايدىكەن.