ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-12
يېقىندا خىتايدا يازغۇچىلار، ئالىملار ۋە ئادۋوكاتلاردىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' دەپ ئاتالغان ئاساسىي قانۇن رولىنى ئوينايدىغان بىر ھۆججەتنى لايىھىلەپ، ئىمزا قويۇپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتقان ئىدى.
2008-12-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى 10 - دېكابىر كۈنى جەم بولۇپ، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
2008-12-12
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت بىر يىغىنغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ساھەدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-12-12
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كى مۇن جۈمە كۈنى خىتاينى سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشكە چاقىردى.
2008-12-12
ئامېرىكىنىڭ بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى، ئامېرىكا پورتىگالىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بەرگەن گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئارالدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقىشىغا ياردەم قىلىش تەكلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-12-12
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ 6 - دېكابىر كۈنى باشلىنىپ 14 - دېكابىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن.
2008-12-12
تەيۋەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۆمىكى جۈمە كۈنى سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنى رەسمىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، چېن شۈيبيەن قاتارلىقلارنىڭ خىيانەتچىلىك، ساختىپەزلىك ۋە پۇل قاچاقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2008-12-12
يېقىندا، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسلىكى سالاھىتى بىلەن دالاي لامانى پولشادا قوبۇل قىلىشى، تىبەت مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارالىشىشىغا سەۋەپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، تىبەت مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىدۇ.
2008-12-12
خىتايچە " شىنجاڭ " دېگەن بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلساق، " يېڭى چېگرا " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئاتالغۇنى، " يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن " دەپ ئىزاھلاپ كەلمەكتە.
2008-12-11
ھازىر خەلقئارادا مەشھۇر زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پروفېسسورلارنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى رىئال مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ خەلق ئالىدىغان ساۋاق نېمە؟ خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلار بۇيىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇلاھىزىلىرى، مەسىلىلەر بۇيىچە قىلىشىۋاتقان بەس - مۇنازىرىلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
2008-12-11
12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي زۇلمىغا قارشى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ مىيۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
2008-12-11
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ ئىككى چارلىغۇچى پاراخوتى شەرقى دېڭىزدىكى سەنكاكۇ ئارىلىدا 9 سائەت چارلاش ئېلىپ بارغان. ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي، ياپونىيە، تەيۋەن ئارىسىدا تالىشىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئارال تەرەپلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق كرىزىسقا سەۋەب بولماقتا.
2008-12-11
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەخمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
2008-12-11
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە، ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.