ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-11
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-12-11
فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي ئۆتكەن شەنبە كۈنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن پولشادا كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، فرانسىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتى خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
2008-12-11
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەن جازاسىنىڭ تىبەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى گۇمانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-12-11
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پەيشەنبە كۈنى، " ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللەتلىك ھوقۇقى" دېگەن ماۋزۇدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-12-11
ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1267 نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، پاكىستاننى بازا قىلغان جامائەت - ئۇد داۋا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ 4 نەپەر رەھبىرىنى تېررورچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
2008-12-11
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، يەنى UHRP، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي بىر دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدى.
2008-12-11
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغىنىغا 60 يىل بولغان، " دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى "دا ھەر قانداق ئىنساننىڭ مەيلى ئۇ ئايال بولسۇن، ئەر بولسۇن، مەيلى ئۇ قانداق ئىرق ۋە مىللەتكە تەۋە بولسۇن، مەيلى قايسى تىلىدا سۆزلىسۇن ۋە ياكى قايسى دۆلەت ۋە رايونغا تەۋە بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بىردەك باراۋەر ھوقۇق ھەم ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇش ھەم ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەتتا غۇرۇرىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ماددىلار بار.
2008-12-10
بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 1948 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىرلىكتە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى، بۇ خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىشتەك يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
2008-12-10
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار " شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى" نامى ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە، 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
2008-12-10
12 - ئاينىڭ10 - كۈنى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەخسەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تەرىپىدىن 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ماقۇللانغان ئىدى.
2008-12-10
بۈگۈن 10 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ھەم بۈگۈن شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ھەشەمەتلىك مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلىدىغان كۈن.
2008-12-10
سەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى چىڭداۋ ساقچىلىرىنىڭ 30" - نويابىر ئوقۇغۇچى ئۇرۇش ۋەقەسى" دە تاياق يىگەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىڭداۋدىكى خۇاڭداۋ شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان 2008 - يىللىقتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەكتە.
2008-12-10
ئۇيغۇر ئىلىدىكى ياشلارنىڭ دەسلەپ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىپ، كېيىن ساقايماس كېسەل ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا.
2008-12-10
قازاقىستان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا قانۇنى يوللار بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى خېلى بار.
2008-12-10
'شىنجاڭ گېزىتى' ۋاڭ لېچۈەننىڭ 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بىر چوڭ زىياپەتتە قىلغان سۆزىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش سۆزى دەپ خەۋەر قىلدى.