ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-09
كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئەڭ ئاۋۋال سالاملىشىشتىن باشلايدۇ، سالاملىشىش ئارقىلىق تونۇشمىغانلار تونۇشىدۇ، تونۇشىدىغانلارنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتى ئاشىدۇ، ھۆرمەت، ئىشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. سالام ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا ئېيتىدىغان بىرىنچى ئەدەپ سۆزى.
2008-12-09
خىتاي كومپارتىيىسى يېقىندا مەملىكەت بۇيىچە ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە سېكرىتارلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ بېيجىڭغا چاقىرتىپ كېلىپ، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە 7 كۈنلۈك تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىكەن.
2008-12-08
بۈگۈن، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارت مۇسۇلمان مۇقەددەس قۇربان ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
2008-12-08
ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىدا، مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى 70 ياشلىق بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفۇن سۆھبىتى يەر ئالغان بولۇپ، بۇ بوۋاينىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە جۇڭياڭنىڭ، يەنى مەركەزنىڭ سىياسىتى بەلەنمىش، ئاساسى قاتلاملاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلار مەركەزنىڭ سىياسىتىگە ئەمەل قىلماي ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارغا زۇلۇم سالارمىش!
2008-12-08
فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي شەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتى ساركوزىيغا ھۇجۇم باشلىدى. ئىنگلىزچە چىقىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە ساركوزىينى تەكەببۇر دەپ ئەيىبلىدى.
2008-12-08
قازاقىستان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا قانۇنى يوللار بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى خېلى بار.
2008-12-08
8 - ئاۋغۇست كۈنى ئەتتىگەندە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ۋە نيۇيورك، سان فرانسىسكو، لوس ئانجىلىس ھەمدە بوستۇن شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەتراپىدىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقىدى ھەمدە نامازدىن كېيىن توپلىشىپ بىر - بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.
2008-12-08
پاكىستان دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى دىنىي مىلىتان گۇرۇھلارنى باستۇرۇش ھەققىدىكى بېسىمىدىن كېيىن، مۇمباي ۋەقەسىنىڭ كەينىدىكى ئاچقۇچلۇق شەخس، دەپ قارالغان لەشكىرىي تائىبەنىڭ رەھبەرلىرىدىن زەكىي ئۇر راخمان لاخۋىنى قولغا ئالغان.
2008-12-08
پەرزەنتلىرى زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى ئىستىمال قىلىپ كېسەل بولغان ياكى ئۆلگەن ئائىلىلەرنىڭ" ئۈچ بۇغا" سۈت مەھسۇلاتلار شىركىتى ئۈستىدىن خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان.
2008-12-08
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان " خەلق گېزىتى" دۈشەنبە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ ئالدىنقى كۈنى پولشادا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئېلان قىلىپ، فرانسىيىگە تەھدىت سالدى
2008-12-08
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلىغان 5 كىشى كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىدا ئېچىلغان سوتتا ئۆز گۇناھىنى بوينىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۈەنتانامودىكى سوت دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئۆز گۇناھىنى بوينىغا ئالغان 5 كىشىنىڭ بىرى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان خالىد شەيخ مۇھەممەت ئىكەن.
2008-12-08
ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، تېررور مەسىلىلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈملىدىن كانادا مەتبۇئاتىنىڭ قايتا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. چۈنكى مۇمباي شەھىرىدىكى ۋەقە، ئامېرىكىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن بىرى، دەپ قارالغانىدى.
2008-12-08
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ باش تەپتىشى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى 'تۆتىنچى ئاۋغۇست سەمەن ۋەقەسى' نى پەيدا قىلغان ئابدۇراخمان ئازات، قۇربانجان ئابلىمىت ناملىق ئاكا - ئۇكا ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن قەشقەردە ئېچىلغان سوت ئەھۋالىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىنكاسلارنى تونۇشتۇردى.
2008-12-08
قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە چوڭ - كىچىك ھەممە خوشاللىققا چۆمىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆرىشەلمىگەنلەر، ئىزدىشەلمىگەنلەر ۋە ئارىدا رەنجىش يۈز بېرىپ بىر - بىرىگە قاراشمايدىغانلار بۇ مۇبارەك بايرامنىڭ شاراپىتى بىلەن بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، خۇشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىشىپ يايرايدۇ.
2008-12-07
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 30 دىن 200 غىچە بولغان قوراللىق پىدائىيلار ساقچىلارنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە 60 تىن 90 غىچە ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.