ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-15
پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خەت يېزىپ، گۇئانتانامودىكى دۆلىتىگە قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىش، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو لاگېرىنى تاقىشىغا ياردەمدە بولۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.
2008-12-15
خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىشخانىسى يېقىندا ساقچى، مالىيە، ساياھەت قاتارلىق ھەر قايسى تارماقلارغا چۈشۈرگەن "ھازىر جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش" دېگەن ھۆججىتىدە، ھەر قايسى تارماقلارغا 'مۇقىملىق'قا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ھەر قانداق يۇشۇرۇن ئامىللارنى ئۆز دائىرىسىدە تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئۇنى يوق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2008-12-15
"ئەگەر جۇڭگو راستىنلا 56 مىللەتنىڭ چوڭ ئائىلىسى بولسا، بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى چوقۇم باراۋەر بولۇشى كېرەك. ئەپسۇسكى جۇڭگودا مىللەتلەر باراۋەر ئەمەس؛ شىنجاڭدا ۋەزىيەت تېخىمۇ شۇنداق."
2008-12-15
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ۋە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق ئەسلىمە كىتابىدا يەنە قەشقەرنىڭ تۆمۈر ئېلى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنى يازىدۇ.
2008-12-15
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ۋە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق ئەسلىمە كىتابىدا يەنە قەشقەرنىڭ تۆمۈر ئېلى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنى يازىدۇ.
2008-12-15
ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى سابىق باشلىقى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركولوگ پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن `مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار` ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
2008-12-15
ئالدىنقى ھەپتە شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىدە گۇئانتانامو تۈرمىسىسدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ھازىر شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئادىلنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ھەققىدە مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى.
2008-12-15
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇرمۇ، " شىنجاڭ " دېگەن بۇ نام تەلەپپۇز قىلىنسا، قۇيقا چېچى تىك بولۇپ، سەپرايى ئۆرلەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى " شىنجاڭ " دەپ تەلەپپۇز قىلىش، ۋەتەن - مىللەتكە قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت ۋە خائىنلىقتىن ئىبارەت.
2008-12-15
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىن يەنە زور كۆلەملىك تەبىئىي گازلىق بايقالغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گازلىقتىن نۆۋەتتە بايقالغان تەبىئىي گاز يۈز مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپ، ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 200 مىليارد كۇپ مېتىر ئىكەن.
2008-12-15
14 - دېكابىر يەكشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، گەرچە سايلامدا قارشى پىكىردىكى نامزاتلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن بولسىمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ تۈركمەنىستاننىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم قەدىمى دەپ سۈرەتلەنمەكتە.
2008-12-15
15 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى، 10 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەكلىدىكى بىر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گەۋدە قۇرۇپ چىقىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتاغا يىغىلدى.
2008-12-15
رۇسىيە ئۆزىنىڭ يادرو يېقىلغۇلۇق سۇئاستى ھەربىي پاراخوتلىرىنى ھىندىستانغا بىر نەچچە يىل ئىجارىگە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، رويتېرسنىڭ رۇسىيىدە چىقىدىغان ئىتات - تاسس ئاخباراتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى رۇسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.
2008-12-15
ئۆتكەن ھەپتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىللىق ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن.
2008-12-12
1985 - يىلى 12 - دېكابىر پارتلىغان، ئونلارچە ئالىي مەكتەپتىن 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ياشلار قاتناشقان، تەرتىپلىك، تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتىنى، ئۇيغۇر دىيارى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شۇنداقلا يېڭى بىر مىللىي ئويغىنىشنىڭ چوقان كەبى ئىپادىلىنىشى دەپ ئېيتىشقا بولاتتى.
2008-12-12
مەركىزى مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، " ئۇيغۇرلار سەپتە " ناملىق تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ئاينىڭ 20 - كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەن.