ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-13
ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى شىرازى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە شەنبە كۈنى قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 9 ئادەم ئۆلگەن ۋە 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
2008-04-13
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇش كۈچەيتىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئورۇنلاشتۇرغان قوراللىق دېھقانلار دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ1949 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان گېنېرالى ۋاڭجېننىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2008-04-13
يەكشەنبە كۈنى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئافرىقىدىكى بىردىن بىر بېكەت سۈپىتىدە تانزانىيىنىڭ پايتەختى دارىسسالامغا يېتىپ كەلگەن.
2008-04-13
رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شتاب باشلىقى گېنېرال ئارمىيە بالۇيېۋسكىي ئەگەر ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرسە رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2008-04-12
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، ئۈرۈمچىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋېر ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مانېۋردا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى، تېبى جەھەتتىن، قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىش، نىشان قىلىنغان.
2008-04-12
خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، تىبەت مەسىلىسىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىۋاستە تەھدىت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە تىبەت مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي، خىتاينىڭ بىر ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، بىلدۈرگەن.
2008-04-12
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، جۈمە كۈنى سىياتىل شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، "دۈشمىنىمىزنى دوستقا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر دىن بىر يولى، دىئالوگ ۋە ھۆرمەتتىن ئىبارەت" دېگەن.
2008-04-12
تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋىنسىن سېۋ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىش، 60 يىلىدىن بىرى خىتاي بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدىكەن.
2008-04-12
خىتاي ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2008-04-11
2008 - يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ مۇسابىقە ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئەزەربەيجان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، خىتاي، ئىراق، ئىران، قازاقىستان، قىرىم، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاتارىستان، تۈركمەنىستان، گرېتسىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە نەشىر قىلىنىۋاتقان ئەدەبىيات جۇرناللىرى ۋە يازغۇچىلار جەمىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
2008-04-11
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىككى تېررورچىلار گۇرۇھىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم خىتاينىڭ تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بۇ باياناتقا بۈگۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىنكاس قايتۇردى. شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى باياناتىدا، ئولىمپىكنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشنىڭ يولى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارا چاپلاش ئەمەس، ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
2008-04-11
8 - ئاپرىل كۈنى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىنى ۋە بارىن ئىنقىلابىي خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.
2008-04-11
ئافىنادىن باشلانغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش سەپىرى ئالماتا ، ئىستانبۇل، لوندون، پارىژ ، سان- فرانسىسكو شەھەرلىرىدىن ئۆتكەندە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.
2008-04-11
11 - ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ لايىھىسى سۇندى.
2008-04-11
تۈنۈگۈن يەنى 10 - ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينى تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە خىتاينى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.