ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-11
ئامېرىكا خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە تورى ABC يەتتىنچى قانىلى، 9 - ئاپرىل سان فرانسىسكودا ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، بۇ ھال باشقا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىغان ئىدى.
2008-04-11
تۈنۈگۈن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاكۇس روگگې خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، مەزكۇر چاقىرىق خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
2008-04-11
تيەنجىن شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا سوت سابىق شاڭخەي شەھىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى چېن لياڭيۈنى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2008-04-10
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ بۈگۈن يەنى 10 - ئاپرىل كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئولىمپىكقا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئىككى تېررورچى گۇرۇپپىنى پاش قىلغانلىقىنى، ھاجى مۇھەممەد ۋە ئابدۇراخمان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىن جەمئىي 45 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-04-10
خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىكى يېڭىيەر كەنتى ۋە ئالمۇتايار كەنتىدە 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش، تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقىن قىلغانلىقىنى مۇخبىرىمىز ئېنىقلاپ 4 - ئاينىڭ 3 -كۈنى تەپسىلى خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يەنە بۇ ۋەقەنى ئىسپاتلاپ خەۋەر يوللىدى. بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىمۇ بۇ ۋەقەنى دەلىللەپ تەپسىلى خەۋەر بەردى. بۇ ۋەقە ھازىر خەلقئارادا تارقالدى.
2008-04-10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى ۋە مارت ئېيىدا خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغان مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە دالاي لامانى زىيارەت قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدە يەر ئالغان 9 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەرىپىدىن بىرلىكتە سۇنۇلغان 1077 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.
2008-04-10
بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش سادالىرىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈنۈگۈن يەنى 9 - ئاپرېل ئولىمپىك مەشئىلى سانفرانسېسكوغا يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسا ، تۈنۈگۈن يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، دۇنيا رەھبەرلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يۈكسەلمىگەن ئەھۋالدا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلدى.
2008-04-10
تارىختا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان تۈركىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا شەھرىدە 9-ئاپرىل كۈنى چۈشتىن كېيىن "شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى" ماۋزۇلۇق كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ لېكسىيە بېرىش يىغىنىنى بۇرسا ئۇلۇغ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
2008-04-10
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 9 - ئاپرىل كۈنى، خىتاينى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە: " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بارسا، بۇ خىتاي ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، خىتاي تەرەپ دالاي لاما بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تېنچلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ" دېدى.
2008-04-10
9 - ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن جىددىي ۋە سەمىمىي سۆھبەت باشلاشقا چاقىردى.
2008-04-10
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، نورۋىگىيە رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 9 - ئاپرىل كۈنى كەچتە، ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسسكو شەھىرىدىكى ئوكلان خەلقئارا ئايرودرومىدا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ نورۋىگىيە قاراپ ئۇچتى.
2008-04-10
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پاش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى سۆزىدە، ئاز دېگەندە 45 گۇماندارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئىلىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا يەنە قىسمەن پارتلاتقۇچ بومبا شۇنىڭدەك قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2008-04-10
دالاي لاما، خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
2008-04-09
2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تۇنجى سەپىرى ئافىنادىن باشلانغان بولۇپ، مەشئەل ھازىرغا قەدەر قازاقىستان، تۈركىيە، لوندون ۋە فرانسىيە دۆلەتلىرىدىن ئۆتۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.
2008-04-09
14 - مارت كۈنى لىخاسادىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە قايتىدىن كۆڭۈل بولۇپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنىڭ كۈچىيىشى شۇنىڭدەك تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ خەلقئارا مىقيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئولىمپىك مەشئىلىگە بايقۇت ئېلان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغا تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يېڭى دولقۇنىنىڭ قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ژۇرنالىستلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىپ، بۇ ھەقتە بىر قاتار ماقالە ۋە ئىنكاسلارنى ئېلان قىلدى.