ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-09
4 - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفەنىڭ ئەرزى ئۈستىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغان ئىدى. سوتتا، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت، پەرھاتنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۈەنتانامودا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ياكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
2008-04-09
ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سانفرانسېسكو شەھىرىدە تىبەتلەر بىلەن بىللە نامايىش قىلدى. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم ئۆزى قاتناشتى. نامايىشتا 'ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!' 'تىبەتلەرگە ئەركىنلىك!' دېگەن شۇئارلار توختىماي ياڭراپ تۇردى. تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىقى سۈزۈك ئاسماندا جەۋلان قىلدى.
2008-04-09
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كاندىلىزا رايس خانىم 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خىتايغا ناھايىتى يېراق بولغان، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تىبەتتە ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىسىنى ئېچىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ خامچوت كومىتېتىغا يوللىغان.
2008-04-09
ئەگەر ھازىر سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش بۇيىچە جىددىي تەدبىر كۆرۈلمىسە، بۇ ھادىسە قاراسۇدىن فۇكاڭغىچە بولغان 280 كىلومېترلىق تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي بەلۋاغقا جىددىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، بۇنداق ھالەت ئۇزۇنغا سوزۇلسا، ھەتتا بۇغدا كۆلىمۇ ھەريىلى 7 مېتىر 70 سانتىمېتىر تارىيىۋاتقان ھازىرقى سۈرئەت بىلەن يەنە 440 يىلدا يەر يۈزىدىن تامامەن غايىپ بولۇشى مۇمكىن.
2008-04-09
ب د ت ئەمەلدارلىرى دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى يەر شارىنىڭ ئەڭ نامرات نوپۇسلىرىغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈشىدىن ئەنسىرىمەكتە. 'ئامېرىكا ئاۋازى' رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىدىغان ياردەمنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى پىلانلىغان ئىدى.
2008-04-09
كانادا باش مىنىسىتىرى خارپېر، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم قاتارلىق دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ھازىر دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاتناشماسلىق ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلدى.
2008-04-08
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھېزبۇ تاھرىرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن يۈز بەرگەن بىر تۇتاش ئاممىۋىي نامايىش دەپ بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدا 'ھېزبۇ - تاھرىرچىلەر مەمۇرىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ سىياسىي بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ھاكىمىيەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تەشكىلات' دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرنى بۇ نام بىلەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.
2008-04-08
بىزنىڭ مەقسەت ، نىشانىمىز خەۋەر، ئۇچۇر ۋە ئوبزورلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شۇنداقلا ئاسىيادىكى شۇ دۆلەتلەردىكى ھەر خىل پىكىرلەر ۋە ئارزۇلار ئۈچۈن مۇنازىرە سەھىپىسى يارىتىپ بېرىش. بىزنىڭ تور بېتىمىز مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن خەلقئارالىق مەيدان ھازىرلىدى. RFA نىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدىن باشقا يەنە، بىز شۇ دۆلەتلەردە چەكلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە رېئال مەزمۇن خاراكتېرىدىكى بەدىئىي ئەسەرلەرنىمۇ رادىئو دولقۇنلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز.
2008-04-08
4- ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىدە، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان پەرھات ھۇزەيفەنىڭ ئەرزى ئۈستىدە ئوچۇق سوت ئېچىلغان ئىدى. سوتتا، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېبىن ۋەلىت، پەرھاتنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۈەنتانامودا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ياكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
2008-04-08
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تىبەت خەلقىغە بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇش نەتىجىسىدە كۆڭۈلسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققانلىقىنى، لېكىن تىبەت ھەر ۋاقىت مەسىلىنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تۇتۇشى كېرەك، خىتايلار تىبەتتىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2008-04-08
خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ خىتاي ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئويدۇرما ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-04-08
تۆۋەندىكى ھەقسىز ئاۋاز قويغۇچى پروگراممىلاردىن بىرىنى كۆچۈرۈپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىزنىڭ ئاڭلىتىشىمىزنى ئاڭلىيالايسىز. ئەگەر ئاۋاز ئاڭلاش جەريانىدا قىيىنچىلىقلارغا ياكى مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز، تۆۋەندىكى مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىرى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن.
2008-04-08
RFA ئۇيغۇر بۆلۈمى تورى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇۋېتىلگەن تور بەتلىرىنىڭ بىرى. شۇنداق بولسىمۇ، سىز ھەر خىل يوللار ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ توساقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.
2008-04-08
كۆپلىگەن ئاڭلىغۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ رادىئو ئاڭلاش جەريانىدا رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىشى بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاۋارىچىلىقلىرىنى رادىئومىزغا مەلۇم قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز تۆۋەندىكى ئۇسسۇلنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ سىناپ بېقىشىغا سۇندۇق. ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.