ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-07
شەنبە كۈنى كانادادىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى، بارىن يېزىسىدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ 18 يىللىقى شۇنىڭدەك يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان نامايىشنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن باستۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن،تورونتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
2008-04-07
2008 - يىلى 5 - ئاپرېل كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 18 يىللىقى خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش يىغىنى ئىنسان ھەقلىرى بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ يىغىنغا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشتى.
2008-04-07
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيادا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا. دۇنيادىكى فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بايقۇت قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھتىد قىلىپ كەلمەكتە.
2008-04-07
2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى سەپىرى، 4 - بېكىتى بولغان ئىستانبۇلدا، باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. نامايىشچىلار ئولىمپىك مەشئىلىنى تارتىۋېلىش ۋە مۇراسىم مەيدانىدىكى خىتاي بايرىقىنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان مەشئەلنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى تۆت نۇقتىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار مەشئەلگە 1 مېتىر يېقىنلاشقاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. شۇ كۈنى خىتاي بايرىقىنى يىقىتىش ۋە مەشئەلنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلغان ياشلاردىن 18 كىشىگە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇش چارىسى كۆرۈلگەن ۋە 17 نەپىرى شۇ كۈنى قويۇۋېتىلگەن.
2008-04-07
ئولىمپىك مەشئىلى يېتىپ بارغان غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. لوندون بىلەن پارىژ ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتە يولىدا ئەڭ شىددەتلىك قارشىلىققا ئۇچرىغان جايلار بولۇپ قالدى. پارىژدا ئولىمپىك مەشئىلى 3 قېتىم ئۆچۈپ قالغان. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسېسكو شەھىرى بولۇپ، مەشئەلنىڭ بۇ يەردە زور قارشىلىققا ئۇچراش ئېھتىمالى بار.
2008-04-06
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىن لوندون' غا ئېلىپ كېلىنگەن 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەن.
2008-04-06
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يەتكۈزۈلۈش پائالىيەتلىرى جەريانىدا بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى تۈرلۈك بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قوللانماقتا.
2008-04-06
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش شەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى سوچىغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى. بۇ، پۇتىن بىلەن بۇشنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پۇتىن 5 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.
2008-04-06
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قاراقالپاغىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىش ھەرىكەتلىرى مەيدانغا چىقماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئىلگىرى مەلۇم بولمىغان تەشكىلات" ئەركىن قاراقالپاقىستان" ئىنتېرنېت ئارقىلىق مۇستەقىللىق تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشنى باشلىغان.
2008-04-05
بارىن قوزغىلاڭنىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-04-05
5 - ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق " ۋال ستىرىت ژۇرنال" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان توپىلاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەزكۇر رايونلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاجىزلىقلىرى كۆرسىتىدۇ، دېيىلگەن.
2008-04-05
خىتاي خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ھىزبى تەھرىر ھەرىكىتىنى، يېقىندا ئۇرۇمچى، خوتەن، قەشقەر ۋە ئارتۇش قاتارلىق يەرلەردە " ئاتالمىش" ئەكسىيەتچى تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتقان ھەمدە ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىشقا قۇتراتقان دەپ ئەيىبلىگەن.
2008-04-05
فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلىمىسا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.
2008-04-05
فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلىمىسا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.