ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-04-04
بۈگۈن، ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بېرى بولغان، پەرھات ھۇزەيفەنىڭ سوتقا سۇنغان ئەرزى ئۈستىدە ئوچۇق سوت ئېچىلدى. ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئات ئورگانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ۋاشىنگتون رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشى قاتناشقان سوت مەھكىمىسى، پەرھات ھۇزەيفەنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ باش ئادۋوكاتى، سېبىن ۋەلىت، ھۆكۈمەتنىڭ پەرھاتنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇش قارارىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى ۋە سوتچىلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەھنە بولدى.
2008-04-04
خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتېيى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېچىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف بۇ يىغىننىڭ شۇئارلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
2008-04-04
ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام ماخمۇت، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى توكيودىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى توكيودىكى يەنە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى، ساكۇرا تېلېۋىزىيىسى، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە پروگرامما ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ قاتاردا شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بەرگەن.
2008-04-04
خىتاي جاسۇسى مەي داجى ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن بۇيان " ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار مەخپىي تېخنىكىلارنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ شۇنىڭدىن بۇيان سوت قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئىسپاتلىنىپ 24 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
2008-04-04
20 - ئەسرنىڭ 40 - يىللىرىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار كىلىشىمنامىلەرنى تۈزۈپ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر مۈستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تۈزۈپ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر مۈستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
2008-04-03
بېيجىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى ئافىنا، بېيجىڭ ۋە ئالماتادىن كېيىن 4 - بېكىتى بولغان ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى. مەشئەل ئىستانبۇل سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇراسىم بىلەن تۈرك تەنتەربىيەچىلىرىگە بېرىلدى. 80 تۈرك تەنتەربىيىچى ۋە تونۇلغان سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن مەشئەلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قارشى د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئورتاقلىشىپ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.