ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-19
گەرچە ئافغانىستاندا پاھىشىخانا ئېچىش ۋە پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قانۇنسىز ھېسابلانسىمۇ، كابۇلنىڭ ئاۋات ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر كوچىلىرىدىن بولغان، ۋەزىر ئەكبەرخان كوچىسىنىڭ كەينىدە خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى پاھىشىخانىلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.
2008-05-18
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 19 - ماي كۈنىدىن 21 - ماي كۈنىگىچە بولغان ئۈچ كۈننى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سىچۈئەننىڭ ۋېنچۈئەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان ئىنسانلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇش كۈنى قىلىپ ئېلان قىلدى.
2008-05-18
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىئانە توپلاش، ھال سوراش ۋە ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ قانات يايدۇرۇلدى.
2008-05-18
ئوتتۇرا شەرقتە بەش كۈن زىيارەتتە بولغان ھەم ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى.
2008-05-18
15 - 16 - ماي كۈنلىرى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىرىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولغان.
2008-05-16
بۈگۈنكى قەدەر خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ مەركىزى دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن ھەم بۇ جايلاردا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن ئىدى، يېقىندا كەلگەن مەلۇماتلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر مەركىزى تۇرپان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
2008-05-16
12- ماي چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 7.9 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 22مىڭدىن بولۇپ، ئەمما بۇ سان بارغانچە ئۆرلىمەكتە.
2008-05-16
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن `ئابدۇراخمان غوجا داستانى` بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى ھاسان كاللىمجى تەرىپىدىن بالىلار رومانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ `كۆك بايراق ئىشقىغا `نامىدا نەشىر قىلىندى.
2008-05-16
بۇ يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كانادا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ فورمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدا تىكىلگەنلىكى، كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلماقتا. ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى ھاماقەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
2008-05-16
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتور قۇددۇس غۇجامياروف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى مۇزىكا سەنئەت ئورگانلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇيغۇر تىياتىرى قاتارلىقلار بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
2008-05-16
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى 7- ماي كۈنى خىتاي تۆر بەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان، ئارىلاشما ئان تىپلىق خىتاي مىللىتى نەزىريىسى، ھەمدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان ليو فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-05-16
گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇل، جۈمە كۈنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت پىلانىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ بىر دىنىي رەھبەر بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىدىن خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك بىئارام بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-16
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرېپونتى، خىتاينىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر شۇنداقلا ئىران بىلەن بولغان قورال - ياراق ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-16
خىتاي يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى يادرو ئەسلىھەلىرىدىن رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش ئېھتىمالىغا قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يادرو قوراللار تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ۋە بىر مۇنچىلىغان مەخپىي يادرو ئەسلىھەلىرى سىچۈەننىڭ ميەنياڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ناھىيە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى