ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-16
خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈەنلىك دائىرىلەرنى ئەگەر رايوندا يامغۇر ئۈزلىكسىز يېغىۋەرسە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ئېھتىمالى بارلىقى، ھەر ئېھتىمالغا قارشى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ھازىرلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
2008-05-15
ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە تەشكىللەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەرياندا، ئۆز قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىشىگە سۈكۈت قىلغان ئاتا - ئانىلارمۇ، ئۈن - تۈنسىز قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرمۇ، ھەتتا پەيزىۋات ناھىيىسى تېرىم يېزىسىدىكى نۇرگۈل تۇرغانغا ئوخشاش ئىشلەمچى قىزلارنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمغا پىچاق تىقىپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن.
2008-05-15
سىچۇئەندە 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغىچە، ئامېرىكا سىچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراپ دەسلەپكى قەدەمدە توپلانغان ئىئانىنى ئەۋەتىپ بولدى. باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ خەلقتىن توپلانغان ئىئانىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى.
2008-05-15
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى 4 - كۈنىگە قەدەم قويدى. ئارىدىن 72 سائەت ئۆتكەندە مەلۇم بولغان ئۆلگەنلەر سانى 19500، ئىز - دېرەكسىزلەرنىڭ سانى قېتىلغاندا، بۇ سان 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. خەلقارا قىزىل كىرست جەمئىيىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سىچۈەننىڭ بېيچىڭ ناھىيىسىدە 160 مىڭ دېھقان بولۇپ بۇلارنىڭ %80 سىنىڭ ئولتۇراق ئوي ۋەيران بولغان.
2008-05-15
5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باشلىنىدىغان تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تۆت كۈنلۈك گېرمانىيە زىيارىتى، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەڭ قىززىق تېما بولماقتا. بۈگۈن تىبەت دەۋاسىغا ئىگە چىقىۋاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ، بۇندىن تېخى 20 يىل ئىلگىرى دالاي لامانى تونۇمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەسلىكى مۇمكىن.
2008-05-15
ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
2008-05-15
قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ، يەنە داۋاملىق قىرغىزىستاندا تۇرۇش تۇرماسلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىر ئىختىلاپلىرى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام، بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىدۇ.
2008-05-15
ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۇلزارىدا يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ئايگۈل ئابلەت خانىمنىڭ `سەھرا قىزى` ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2008 - يىلى مارت ئېيىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2008-05-15
5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن بېلگىيە پايتەختى بېريۇكسېلغا كېلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان "خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر يىغىنى" غا قاتناشقان.
2008-05-15
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، شۇ كۈنى فرانكفورد ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ،" خىتاي سىياسى دائىرىلىرىنىڭ رېئاكسىيىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ناھايىتى قەبىھ بولدى.
2008-05-15
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئەلچى مارك لاگون يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر خەلقئارا قانۇن جەمئىيىتىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلار ئەمگەك كۈچى ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-15
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە توي قىلغۇچىلارغا توي خېتى رەسمىيىتى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان. قەشقەردىكى ۋەقەدىن خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ توي خېتى بېجىرىدىغان تارماقلىرى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە توي قىلغۇچىلارغا توي خېتى رەسمىيىتى ئۆتەشنى توختاتقان بولۇپ، بۇنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى 1 - ئىيۇندىن كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇلۇدىكەن.
2008-05-15
خىتاي دائىرىلىرى سىچۈەننى مەركەز قىلغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى پەيشەنبە كۈنى ئاز كەم 20 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، لېكىن ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارنى قوشقاندا بۇ ساننىڭ 50 مىڭغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-15
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش،" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر خرىستىيان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتنىڭ، 27 - ماي كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە رەسمى سوتلىنىدىغانلىقى قارارلاشتۇرۇلغان.
2008-05-14
سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە بۈگۈن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋال ستىرىت ژۇرنىلى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ سىچۈەندە بايلارغا ئەمەس نامراتلارغا ئۇۋال قىلغانلىقىنى يازدى. ماقالىدە بۇ قېتىمقى زىيان خىتاي جەمئىيىتىدىكى باي ۋە كەمبەغەل ئارىسىدىكى ئىككى قۇتۇپنىڭ پەرقىنى كۆرسەتتى دېيىلدى.