ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-14
جاشىۋا كورلانتسىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2000 - يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا بەرگەن باياناتلىرىدا، پرېزىدېنت كلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى تەسلىمىيەتچى بىر سىياسەت دەپ تەنقىد قىلىپ، خىتايغا قارىتا قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاينى كلىنتون ھۆكۈمىتىدەك ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
2008-05-14
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە ۋە فرانسىيىلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى تىبەت روھانى داھىسى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلەن تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقان بىر مەزگىلدە باشلاندى.
2008-05-14
5 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان "غالىبىيەت بايرىمى" كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9 - ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
2008-05-14
13 - ماي كۈنى كەچتە شىۋېتسىيىدىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلىنىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ABF سارىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2008-05-14
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان" ئىقتىساد"گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 10 - ماي سانىدا، "سىبىرىيە خىتاي - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ قۇربانى"دېگەن تېمىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان.
2008-05-14
تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا شەھىرىدىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا 9 - مايدىن 11 - ماي كۈنىگىچە 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-05-14
بۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېخى ئاشكارىلىمىغان بىر دوكلاتىنى گېرمانىيىدىكى 'سىپىگېل' يەنى ئەينەك دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەپتىلىك ژۇرنال قولغا چۈشۈرۈۋېلىپ ئېلان قىلىۋەتكەن.
2008-05-14
بۈگۈن ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ھەر ۋاقىت جەڭگە كىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىملىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان كەشمىر چېگرىلىرىدا، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىغا 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا، ھىندىستان قىسىملىرىغا قارىتىپ 60 پاي ئوق ئېتىلغان.
2008-05-14
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىسرائىلىيىگە كېلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
2008-05-14
5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىچۇئەننىڭ ۋېنچۇئەن ناھىيىسىدىكى يىڭشيۇ شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن 7.8 دەرىجىلىك يەر تەۋرەشتە، يەرلىك خەلق ئۆزى سالغان ئۆيلەرنىڭ 70 - 80 % تى پۈتۈنلەي ئۆرۈلگەن.
2008-05-14
خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى' بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ نوپۇس سىياسىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلان قىلدى.
2008-05-13
پىچان خىتاي بۇيىچە، كان بايلىقلىرى زاپاس مىقدارى ئەڭ مول بولغان 10 ناھىيىنىڭ بىرى. پىچاننىڭ يەر كۆلىمى 39 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، پىچانغا تۇتاشقان، يەنە بەزى مەنبەلەردە، ئەسلىدە پىچان زېمىنى بولغان تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ كۆلىمى 53 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
2008-05-13
ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 4 - ئايدا شىۋېتسىيەگە كەلگەندە، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان.
2008-05-13
كۆپ دۆلەتلەردە ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئانىلار كۈنى دەپ بېكىتىلگەن، ئانىلار كۈنى خەلقئارالىق بىر كۈندۇر. دۇنيادا مىليونلارچە ئانىلار بۇ كۈندە بالىلىرى تەرىپىدىن سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىنىپ خاتىرىلىنىدۇ.
2008-05-13
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلاپ ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قولىغا چۈشكەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇراقلىق بازار ئىگىلىكى ھاسىل قىلىشتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.