ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-13
كانادا پارلامېنت ئەزالىرى " خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى " نامىدا پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى.
2008-05-13
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بويىغا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەرگە توپ-توپ يۆتكىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئەندىشىلەندۈرمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىغا ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، چاڭلاشتۇرۇپ ئاسمىلىياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
2008-05-13
9 - ماي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بىر كۈن بولماسلىقى مۈمكىن. لېكىن بۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى كۈن ئەمەس، چۈنكى بۇ كۈن ئۇلار ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنىدۇر.
2008-05-13
يېقىندا ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئېچىلغان ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر بىر يىغىندا تىبەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناس دوكتورى يۈەن تېمېي يىغىندا دوكلات سۇنغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دوكلاتىدا تىبەت قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ئۈستىدە پىكىر بىلدۈرگەن.
2008-05-13
خىتاي ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە "ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش" باھانىسىدە، مەزكۈر جايلارغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتىشقا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
2008-05-13
ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 12 مىڭدىن ئاشتى، يىقىلغان ئىمارەت ئاستىدا يەنە 9 مىڭ 494 ئادەم قامىلىپ قالغاندىن سىرت 7 مىڭ 841 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوقاپ كەتكەن.
2008-05-13
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، خىتايدىكى يەر تەۋرەش ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلغان.
2008-05-13
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى.
2008-05-12
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 5 كۈنلۈك ياپونىيە سەپىرىدە خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئويلاپ باقمىغان بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناس توختى مۇزاتنىڭ مەسىلىسى ئىدى.
2008-05-12
Financial Times گېزىتىنىڭ 8 - ماي سانىدا، تىبەت مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى Paul Harris خوڭكوڭلۇق بىر ئادۋوكات. ئۇ ماقالىسىدە 1951 - يىلى تىبەت بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن 17 ماددىلىق شەرتنامە ۋە ب د ت شەرتنامىسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ كوسوۋانىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-05-12
10 - ماي كۈنى تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ كۈنى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەر بىلەن بىللە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشقا قاتناشتى.
2008-05-12
2000 - يىللارنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ گۇمران بولىدىغانلىقى ياكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە باشلانغان ئىدى. شاڭخەيدە 10 يىل خەلقئارا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بۇيىچە ئادۋوكات بولۇپ تۇرغان، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى ئىقتىسادىي مۇلاھىزە ئارقىلىق، خىتاينىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ 'خىتاي گۇمران بولۇش ئالدىدا' دېگەن كىتابنى يازغان ئىدى.
2008-05-12
تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان سىۋاس ۋىلايىتى سىۋاس شەھىرىدىكى يېڭىشەھەر لىسەسى يەنى يېڭىشەھەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان كۆرگەزمە ئېچىلدى.
2008-05-12
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئەل دەۋەت" جۇرنىلىنىڭ 2008 - يىلى 3 - ماي سانىدا، " خىتاي نېمە ئۈچۈن ئافرىقىغا يۈزلىنىدۇ " دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2008-05-12
12 - ماي دۈشەنبە كۈنى، غەربىي جەنۇبى خىتاي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە مىڭلىغان ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان بولسا، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھازىر 8 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ سان بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.