ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-12
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي تەرەپنىڭ تەيۋەن بىلەن يۈز بېرىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكا تەرەپنىڭ قول تىقىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغان.
2008-05-12
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدە يەر ئاستى سۈ مەنبەسىنى كەڭ كۆلەملىك ئېچىشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجىرىتىدىكەن.
2008-05-12
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى گوردون براۋن 23 - ماي لوندوندا تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، مەزكۇر ئۇچرىشىش دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سىياسىي تۈس بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2008-05-12
دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ساغلاملىق ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى مايك لېۋىت ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەك - ئىچمەك، دورا - دەرمەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-11
تىبەتكە چېگرىداش نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدا 11 - ماي كۈنى تىبەتلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلغان ئاياللار ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلىپ، 500 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ئايالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
2008-05-11
3 - ماي كۈنى بېرمادا يۈز بەرگەن قاتتىق بوران - چاپقۇن زەربىسىگە ئۇچراپ، ۋەيران بولغان پۇقرالارنىڭ كۈنى ئېغىرلاشماقتا. قۇتۇلۇپ قالغانلار يېمەك - ئىچمەك، ئىچىملىك سۇ ۋە دورا - دەرمەكلەرگە مۇھتاج بولۇپ، بىرما ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بۇ جايلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بىلەن كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.
2008-05-11
تۈركىيە ھەربىي تەرەپ تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى جايلاشقان نۇقتىلارغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى ھەمدە ئېغىر توپلارنى ئىشقا سېلىپ، پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2008-05-11
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىن ئۆتكەندە، ئۇنى كۆتۈرۈشكە بەلگىلەنگەنلەرنىڭ بىرى كومپارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق ئىلىش ئۈلگىسى تاجىك مىللىتىدىن بولغان موللام ئەزىز ئابلىز بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت نەپەر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسىنى قۇتۇلدۇرىۋالغان پوچتا ئاپتوموبىلى شوپۇرى ھاشىمجان سەلەيدۇر.
2008-05-11
يېقىندا شاڭخەيدىن تارقىتىلىدىغان ئاتاقلىق تور بەتلەرنىڭ بىرى "شىنمىن" دا خىتاينىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ خەرىتىسىنىڭ يېڭىچە نام بېرىلگەن بىر قانچە خىل غەيرى - رەسمى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايدىكى ھەممە ئۆلكىلەر كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى رەڭلەر بىلەن كۆرسىتىلىپ، ئۇلارغا ئەسلىدىكى مەمۇرىي نامى ئەمەس، بەلكى ھاقارەت خاراكتېرلىك ناملار قويۇلغان.
2008-05-10
شەنبە كۈنى، خىتاي شەرق ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولوچى ئايروپىلانىدا ئوت كېتىش سىگنالى بېرىلىپ، 100 دىن ئارتۇق يولۇچىنىڭ ئايروپىلاندىن چىقىرىلىشى جەريانىدا ئۈچ كىشى يارىلانغان.
2008-05-10
ئاۋسترالىيە مىللىي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جان كوتېس، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، مېدال ئېلىش مۇراسىملىرى جەريانىدا، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-05-10
تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، جۈمە كۈنى گېرمانىيىدە چىقىدىغان " دەر شىپىگەل" ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ھەم تىبەت مەسىلىسى ھەم يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-05-10
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشتىن بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن تىبەتنىمۇ زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2008-05-10
شەنبە كۈنى، كانادا نىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن، تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى، ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ياشايدىغان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتنى قوللايدىغان كانادالىقلار بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.
2008-05-09
ئۇيغۇر ئىلىدىن 2008 - يىللىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى توشۇش خىزمىتى يەنە باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق پىلانىغا قارىغاندا ، بۇ يىل كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئادەم سانى 1،200،000( بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ) ئادەم قېتىمغا ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىغان ئەمگەك كۈچىنى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىنغان.