ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-09
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن ناھىيىدىكى بىر قىسىم كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدا ماجىرا چىققانلىقىنى، ماجىراغا چېتىشلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
2008-05-09
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا بىرەر ۋەقە چىقىپ قىلىش ھەققىدىكى ئەندىشە ۋە قايغۇلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ھەر ھەپتە دېگۈدەك تېررورلۇققا قارشى ئۇقتۇرۇشلار چىقىرىپ، بېيجىڭدا پىلانلانغان نۇرغۇنلىغان كونسېرت ۋە چوڭ يىغىلىشلارنى بىكار قىلىپ، چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزەتكىلى باشلىغان.
2008-05-09
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تەتقىقات ئىدارىسى ۋە ئاقشەھەر شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن "21 - ئەسىرنى نەسىردىن ئەپەندى ئارقىلىق چۈشۈنىش" ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئاقشەھەر دېگەن يېرىدە رەسمىي باشلاندى.
2008-05-09
ھازىر خەلقئارا جامائەت خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ئەۋج ئېلىپ قالدى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇرلار مىللەتچىلىك قىلىپ بىزنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ' دەيدۇ.
2008-05-09
خىتاي جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى كرىزىس، شۇنداقلا سىياسىي بوھران خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى پۇقرالار ئارىسىدىكى نارازىلىقلارغا يول ئاچتى.
2008-05-09
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى" تېررورچىلار" نىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەسئۇللىرى بېيجىڭدا سودىگەرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا قىلىشقا ناھايىتى بىخەتەر جاي ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى.
2008-05-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە 3 ئۆسمۈر بالىنىڭ پۇت، قول ۋە ئېغىز كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياشلاردا ئىكەن. ۋەقە 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى مەتبۇئاتلار بۇ ۋەقەنى 9 - ماي كۈنى ئېلان قىلدى.
2008-05-09
ب د ت بېرمىدىكى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن ياردەم بۇيۇملىرىنى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلى بېرمىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشنى توختاتقان.
2008-05-09
ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىدە زىيارەتتىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئەتىگەنلىك چاي زىياپىتىگە قاتناشقاندا خۇ جىنتاۋغا تىبەت ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزاتنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلەتكەن.
2008-05-09
4 - ئاي ئىچىدە خىتايدا تاۋار بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇ كېلەر ھەپتىدە ئېلان قىلىنىدىغان تاۋار بۇيۇملىرىنىڭ بازاردا سېتىلىش باھاسى يەنى ئىستىمال باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچىگە زور بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
2008-05-09
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ كەلگەندىكى بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، يەرلىك جايلاردا ھەربىي ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
2008-05-08
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالدىنقى كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە تەرەپلەرنىڭ پىكىرى ئېلىندى.
2008-05-08
بۈگۈن تىبەتلەرنىڭ تاغقا يامىشىش ماھىرى سېرىن ۋانمو خانىم خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز پەللىسى بولغان جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يەتكۈزدى. ئۈرۈمچىدە بولسا خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تورى' دا، "بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو توغرا نىشانلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن يۇگۇسلاۋىيىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ۋەھشىيلەرچە پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئۇچۇر ۋاستىلىرى يەنە، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جۇڭگودا 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' خاھىشى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ،" دەپ تەسۋىرلەپ بىر ماقالە ئېلان قىلدى.
2008-05-08
دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى دارامسالادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، تىبەت تەرەپ سۆھبەتتە 3 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. تەكلىپلەرنىڭ بىرىدە ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تىبەتتە داۋاملاشتۇرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ۋە مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.