ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-05-08
ياپونىيىنىڭ سانكەيى گېزىتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىدا ياپونىيىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى ئابە ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋدىن 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى توختى تۇنىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە يەر بەرگەن.
2008-05-08
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە „ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى" يولغا قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى „مىڭە تازىلاش ئوپېراتسىيىسى" دەپ ئاتىدى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، يەنە 26 - قېتىملىق "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتى" يولغا قويۇلدى.
2008-05-08
2008-يىلى 7- ماي كۈنى قاتارنىڭ " ئەل جەزىرە" تېلېۋىزىيە قانىلى" خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ياپونىيىدىكى تىبەتلەر بىلە ن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش بىلەن كۈتۈۋالدى " دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلغان.
2008-05-08
بۇ يىل مارتنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسى ھازىرغا كەلگۈچە 30 نەپەر بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سەھىيە - ساقلىقىنى ساقلاش خادىملىرى بۇ خىل ۋىرۇستا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-05-08
ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئەللىرىدىكى پولات سېتىش ئوبوروتى بىر ھەسسە ئاشقان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ خىل ھالەت ياۋروپادىكى پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ سودىسىغا زىيان كۆرسەتكەن بولغاچقا، پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ياۋروپا بازارلىرىدا پولات باھاسىنى قانۇنسىز ھالدا تۆۋەنلىتىپ ساتقان بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-05-08
بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلى نۇرغۇن توسقۇنلۇق ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن دۇنيانى ئايلىنىپ خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، خىتاي ئىچىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش سەپىرىنى باشلىغان.
2008-05-08
بېيجىڭ ئولىمپىكى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ۋەدە قىلغان ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىدىن تېخى شەپە كۆرۈنمەيۋاتقان بولۇپ، 8 - ماي خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك جەريانىدا ئىنتېرنېت ئالاقىسىغا بولغان كۆزىتىشنى توختىتىش جەھەتتە كاپالەت بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2008-05-08
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى دۈيخۇا فوندى جەمئىيىتى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ھەمدە قويۇۋېتىلسە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدىغان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2008-05-07
تۈنۈگۈن يەنى 6 - ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار كومىتېتى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ تېمىسى، " گۈەنتانامودىكى خاتالىق - ئامېرىكا ئوبرازىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشى" بولۇپ، يىغىندا، گۇەنتانامو'دا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر، ئۆزبەك ۋە ئالجىرىيىلىك بولۇپ مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى پىكىر بايان قىلدى.
2008-05-07
7 - ماي سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم كۈن. بۈگۈن موسكۋادا يېڭى پرېزىدېنت دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۇتىننىڭ 8 يىللىق پرېزىدېنتلىق دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى.
2008-05-07
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان باشكەنت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 6 - ماي كۈنى سائەت 13تە بېرىلگەن ' خەۋەرچىنىڭ سائىتى ' پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى.
2008-05-07
گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ تۈرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى پائالىيەتلىرى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن سىرت، ھەر ساھە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.
2008-05-07
خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيىدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ خۇ جىنتاۋ 1998 - يىلى مۇئاۋىن رەئىس سالاھىيىتى بىلەن ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-05-07
بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 7 -كۈنى ھىندىستان ئاگنى3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى. روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇبانسۋار شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى نىشانلارنى پاچاقلىيالايدىغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە ھىندىستان بۈگۈن، يادرو بومبىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگىچە يەتكۈزەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە 3000 كىلومېتىر مۇساپىلىق ئاگنى3 بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
2008-05-07
ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، بېرمىدا يۈز بەرگەن نارگىس قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن زور دەرىجىدە ئارتىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.