ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-18
كانادادىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىنى تىبەتتە ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان كۈنى، يەنى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.
2008-06-18
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-06-18
'ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شۋېتسارىيە ئىناۋەتلىك قەرز گۇرۇھى خوڭكوڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى تاۋدۇڭ يېقىندا خىتاي دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش دەۋرى ئاخىرلاشماقتا، دېگەن.
2008-06-18
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-06-18
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944 - يىلىدىكى ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە مەزكۇر ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ تاكى 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەسنا ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىشىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار قاتارىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ موسكۋانىڭ يادرو پىلانىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىدۇر.
2008-06-17
" بۇ بىزنىڭ ئولىمپىكىمىز ئەمەس، خەنزۇلارنىڭ ئولىمپىكى؛ بۇ ئىشنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا قىزىقمايمەن " - مانا بۇ جۈملىلەر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇ بۇ سۆزىنى تۈنۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئېيتقان.
2008-06-17
'خىتاي خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرىدا 'نىلۇپەر كۆلى' دەپ ئاتالغان، مىنگو دەۋرىدە دۇبەن مەھكىمىسى سېلىنغان، 1950 - يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 'خەلق مەيدانى' دەپ ئاتاپ ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان، 1955 - يىلى 'جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ئابىدىسى' تىكلەنگەن جايدىن باشلانغان.
2008-06-17
ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
2008-06-17
د ئۇق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپون ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە ياپون خەلقىغە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىدى بىلەن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى.
2008-06-17
ۋەتىنىدىن قازاقىستانغا تۇغقان يوقلاپ چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياشانغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
2008-06-17
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۋا ئەپەندى 2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى " چىرايلىق ئۇقۇشماسلىق" توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلدى : خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەتبۇئات - ئاخباراتنى قاتتىق تەقىپ قىلىشى، تور بەتلىرىنى تاقىشى، پىچەتلىشى سەۋەبىدىن، جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، بۇ توغرىدا سەزگۈلەرنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن سەللا تەۋرىنىش بولىدىغانلا بولسا، تارىخىي ئەسلىمىلەر ئادەتتىكى پىكىرلەر ئۈستىگە لەيلەپ چىقاتتى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپماقچى بولغانلىقى خام - خىيال ئىدى... يېقىندىن بىرى جۇڭگو ئاخباراتچىلىرى يول بويىدىن تاش تىرىش شەكلىدە تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ئانچە - مۇنچە ئوت ئۇچقۇنى پەيدا قىلدى. كەسىپداشلىرىمىزغا ھەمدەم بولىمىز.
2008-06-17
خىتاي دائىرىلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلىنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشى ھارپىسىدا، قەشقەر شەھىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان.
2008-06-17
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئىلىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون خەلقى ئۈستىدىن ئىجرا قىلغان قاتتىق سىياسىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تىلغا ئىلىندى.
2008-06-17
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئانناپولىس شەھىرىدە باشلاندى. سۆھبەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكى بىلەن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.
2008-06-17
200 دىن ئارتۇق خىتاي ساياھەتچىدىن تەشكىللەنگەن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇدىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك، ۋاشىنگتون ۋە لوس - ئانجىلىس شەھەرلىرىگە قاراپ يولغا چىققان.