ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-09
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتور مانفىرىد نوۋاك، 9 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا، سۈز قىلىپ تەن جازاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قايسى مۇئامىلە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ تەن - جازاسىغا كىرىدىغانلىقىنى ۋە تەن جازاسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
2008-06-09
ب ب س نىڭ بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوغداش دېگەن نام بىلەن يادرو، خېمىيىۋىي قوراللار تەھدىتىگە قارشى ئەسكىرىي مەشىق ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.
2008-06-09
قازاقىستانلىق رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋ ئۆزىنىڭ " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ناملىق موسكۋادا نەشىر قىلىنغان كىتابىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، 40 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەيدان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2008-06-09
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ھالدا يەر ئېلىشى، تۈركىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۇيغۇرلارغا تارتماقتا.
2008-06-09
تۈرك تارىخنىڭ تۇنجى تىل قامۇسى بولغان "تۈركىي تىللار دىۋانى" دېگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسى تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ يازغان كىتابى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى تۈركىي سىستېمىسىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر ئۈچۈن نادىر ئەسەردۇر.
2008-06-09
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانلىرىدىن مىرزاگۈل ناسىروف 4 - ئىيۇن كۈنى ئالمائاتادا ۋاپات بولدى. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.
2008-06-09
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەمدە يەسلى مائارىپىغىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى يەسلىلەر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەر بىر يېزىلاردا يولغا قويۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كەنتلەردىمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان.
2008-06-09
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ قاتناش - ترانسپورت مىنىستىرى شائۇل موفاز، ئەگەر ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى توختاتمىسا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-06-09
بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئولىمپىكنى خەۋەر قىلىش جەھەتلەردە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.
2008-06-09
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئامېرىكا - ياۋروپا ئەللىرى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاندرېۋ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى ئاخىرقى ياۋروپا سەپىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2008-06-09
بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئولىمپىكنى خەۋەر قىلىش جەھەتلەردە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.
2008-06-09
1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان شام يېقىپ ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىنغان.
2008-06-08
ياپونىيىگە جەم بولغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، فرانسىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يەكشەنبە كۈنى قارار قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا يۈزىدە كۆرۈلۈۋاتقان ماي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن.
2008-06-08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان سايلام ئېلىپ بېرىپ، رىقابەتچىسى باراك ئوبامادىن يېڭىلگەن دېموكراتىك پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزىتى، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ رەپىقىسى ھىللارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى پائالىيىتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-06-08
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دائىرىلىرى 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن 10 كۈنلۈك "جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسۇل بايرىمى"نى باشلىدى.