ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-08
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دائىرىلىرى 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن 10 كۈنلۈك "جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسۇل بايرىمى"نى باشلىدى.
2008-06-08
تىبەت ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىداش نېپالدىكى تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئېلىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى بۇ 14 - مارتتىن كېيىن داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا. يەكشەنبە كۈنى خېلى كۆپ ساندىكى تىبەتلەر نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغاندا ، نېپال ساقچىلىرىنىڭ بېسىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، 185 نەپەر تىبەتلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
2008-06-08
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئۇنىڭ نامىنى ئاستانا شەھىرىگە قويۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ ئىدىيىگە قارشى چىققان. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئىيۇن كۈنى پارلامېنتنىڭ يىغىنىدا ھازىرقى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى " نۇرسۇلتان" شەھىرى دەپ ئاتاش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان ئىدى.
2008-06-06
دۇنيانى زىل - زىلگە كەلتۈرگەن، پاجىئەلىك 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچى، تەربىيىلىگۈچى گۇماندارلىرى تۈنۈگۈن يەنى 5 - ئىيۇن كۈنى سوتلاندى. سوت گۈەنتانامودىكى ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللېگىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
2008-06-06
باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات: Freedom House يەنى ئەركىنلىك سارىيى، 5 - ئىيۇن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى 2008 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2008-06-06
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە.
2008-06-06
ۋەتىنىدىن قازاقىستانغا تۇققان يوقلاپ چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياشانغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى
2008-06-06
كەلگۈسىنىڭ ئۈمىتلىرى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1 - ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
2008-06-06
ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە قايغۇرغان بىر ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ "... بۇ ھەقتە گەپ- سۆز بولۇنسا، بەزىلىرىمىز ئۇلۇغ بۇۋىلىرىمىزنى شىپە كەلتۈرۈشىمىز... مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەندەك..."
2008-06-06
ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى گېنېرال پېتيىر پېيس باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتى كېڭىشىنىڭ 7 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشتى.
2008-06-06
گېرمانىيىدە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئون نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغان.
2008-06-06
ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇھىت ئىدارىسى "شىنجاڭنىڭ 2007 - يىلقى مۇھىت ئەھۋالى" توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋە ئاتۇش شەھەرلىرىنىڭ مۇھىتى، خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇھىت ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى يەنى دۆلەتلىك 3 - دەرىجىلىك مۇھىت ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-06-06
ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى گېنېرال پېتيىر پېيس باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتى كېڭىشىنىڭ 7 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشتى.
2008-06-06
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارىسىدا 11 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي - تىبەت سۆھبىتى، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.