ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-06-06
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئاچقۇچلۇق گۇماندارلىرىدىن دەپ قارالغان خالىد شەيىخ مۇھەممەد قاتارلىق 5 كىشى گۈەنتانامودىكى ئامېرىكا ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە رەسمىي سوتلىنىشقا باشلىدى.
2008-06-06
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئارىسىدا 11 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي - تىبەت سۆھبىتى، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.
2008-06-05
ئامېرىكىنىڭ كۇباغا جايلاشقان گۈەنتانامو دېڭىز ئارمىيىسى بازىسىدىكى ھەربىي تۈرمىسىدە بىرقىسم ئۇيغۇر مەھبۇسلارمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى قانۇنسىز دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
2008-06-05
ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ يىلمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
2008-06-05
1989 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، يازغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىدى.
2008-06-05
ئامېرىكا دېموكراتچىلار پرېزىدېنت نامزات سايلىمى ئالدىنقى كۈنى ئاخشام ئاخىرلاشتى. سايلامدا باراك ھۈسەيىن ئوباما غەلىبە قىلدى. ئوباما غالىبىيەت نۇتقىدا، رەقىبى ھىللارىي كلىنتوننىڭ سايلام جەريانىدا كۆرسەتكەن ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقىدى. ھىللارىي كىلىنتونمۇ باراك ئوبامانىڭ پەۋقۇلئاددە ئۈستۈن تەشكىللەش ئىقتىدارىنى تەبرىكلىدى.
2008-06-05
ئۆسمۈرلەر مىللەتنىڭ كەلگۈسىدۇر، ھەر قانداق مىللەتنىڭ كېلەچىكى شۇ مىللەتنىڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشى ۋە ياراملىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا باغلىقتۇر.
2008-06-05
2008 - يىلى4 - ئىيۇن كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ناھايىتى ھەشەمەتلىك ۋە داغدۇغىلىق ھالدا، خەلقئارا ئىسلام دىئالوگ قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن - ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان، ھىندىستان ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردىن - كەلگەن 500 دىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
2008-06-05
تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تىجارىي مۇناسىۋىتى 1980 - يىللاردىن كېيىن كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 2007 - يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي سومما 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
2008-06-05
يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن قازاقىستان رادىئو ئاڭلىتىش شىركىتىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2008-06-05
يېڭىدىن قۇرۇلغان فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى1 - ئىيۇن كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2008-06-05
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەتنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا چاقىردى.
2008-06-05
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئىستانسىمىز ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر رايونىدا ئاھالىنى خىتاينىڭ " ۋەتەن سۆيۈش " تەربىيىسىگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2008-06-05
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەتنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا چاقىردى.
2008-06-05
شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، ئاپرىل ئېيىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش دېلوسىغا چېتىشلىق 16 نەپەر لامانىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.