ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-17
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەن ئىدى. ئۇ بۈگۈن خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى.
2008-07-17
شىنخۇا خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل غەربنى ئېچىش پىدائىيلىرى دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 908 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارنى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھەم بىڭتۇەننىڭ مۇھىم مەمۇرىي، قانۇن ئورگانلىرى ھەمدە قانۇن ساھەلىرىنى ئاساس قىلىپ خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىق ئېلىپ بارىدىكەن.
2008-07-17
رادىئومىزنىڭ تەكلىپ مۇخبىرى چياۋ لۇڭنىڭ بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلار ئارقىلىق ئېنىقلاپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر 'ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن، 'ئۇيغۇرلارنى مېھمانخانىلارغا قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم' دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قىسىملىرى بولسا 'ئولىمپىكنى قوغداش جېڭى قىلىشقا تەييار' ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا.
2008-07-17
لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سەنئەت بايرىمىغا بۇ يىل ماكېدونىيە، بوسنىيە، كۇبا ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان.
2008-07-17
ئاتا - ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردىمىنى ئايىماسلىق پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئادا قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەب، شۇنداقلا ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق - پەزىلەتتۇر. ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئورناتقان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئاتا - ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر.
2008-07-17
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە قىلچىمۇ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، ئەكسىنچە زور دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2008-07-17
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە قىلچىمۇ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، ئەكسىنچە زور دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2008-07-17
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىنغان پورترېتى، ئاتۇش شەھىرى كوچىلىرىدا پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتۇش شەھىرىدىكى دۇكان - رەستىلەردە جىددىي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
2008-07-17
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرى ج خ ئىدارىسى غۇلجا شەھىرىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلاردا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا توغراق يېزىسى ۋە ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كوچا ۋە ئاھالە كومىتېتلاردا تەپسىلىي ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
2008-07-17
ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بېرىشنى قارار قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشقا مەكتۇپ يوللاپ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتۇپتا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
2008-07-17
ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بېرىشنى قارار قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشقا مەكتۇپ يوللاپ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتۇپتا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
2008-07-17
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى خەلق ئارىسىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ئەمەلدارنى نامايىش ۋە باشقا شەكلىدىكى ھەر قانداق قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان.
2008-07-16
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تېررورچىلارنى پاش قىلغانلارغا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىللە پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدىغانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2008-07-16
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يېقىنلاشقانچە، بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئامانلىقنى قوغداش نامىدا تېخىمۇ جىددىي كەيپىيات يارىتىپ كەلمەكتە.
2008-07-16
خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ كېلەر ئاي بېيجىڭغا ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن بارغاندا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قاتتىقراق بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ئارقا - ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.