ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-16
16 - ئىيۇل، چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۈگۈنكى پائالىيەت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىشىدا ئېلىپ بېرىلغان.
2008-07-16
دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار شۇنداقلا بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتقان ھايات شەرتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
2008-07-16
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14 - ئىيۇلدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ 30 - ئاپرىل كۈنى فرايبۇرگ شەھرىدىن باشلانغان "كىشىلىك ھوقۇق مەش`ئىلى" پائالىيىتى، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى پايتەخت بېرلىندا ئاخىرلاشقان. "ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال" نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. گېرمانىيىنىڭ 30 چوڭ شەھىرىنى بېسىپ ئۆتكەن. خىتاي ئولىمپىكىغا قارشى 118 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلانغان.
2008-07-16
ئەگەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرىغا قويغان 'ئافرىقىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئەيدىزگە قارشى كۆرەش قىلىش قانۇن لايىھىسى' ماقۇللانسا، بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىدا بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ياكى كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن بىكار قىلىنىشى مۇمكىن.
2008-07-16
خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ھازىر 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆپلەپ زىيالىي ئەۋەتمەكتە.
2008-07-16
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەت قىلغۇزماسلىق ئۈچۈن، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مۇبالىغە قىلىۋاتقانلىقى ۋە كېلەر ئايدا يەنە كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
2008-07-16
تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۈگۈن تەيبېي باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، گومىنداڭ تەيۋەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە 'ئاق تېررورلۇق' يۈرگۈزۈپ، سىياسى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن يەرلىك خەلقتىن ئەپۇ سورىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ۋەدە بەردى.
2008-07-16
كېنىيەنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورگىنى بۈگۈن كېنىيە خەلقئارا ئايرودرومىدا، 36 دانە پىل چىشىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى خىتاي ئايالنى توسۇۋالدى.
2008-07-16
كېنىيەنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورگىنى بۈگۈن كېنىيە خەلقئارا ئايرودرومىدا، 36 دانە پىل چىشىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى خىتاي ئايالنى توسۇۋالدى.
2008-07-15
14 - ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان نۇتقىدا، ھازىر مەۋجۇت مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ئۆز دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان خەلقلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان خەلقلەر ھەققىدە توختىغاندا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا دىنىي مەزھەپتىكى كىشىلەرنى تىلغا ئالدى.
2008-07-15
ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە بەش نەپەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەمدە قەشقەردە يەنە بەش نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىگە ئوخشاش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
2008-07-15
- - - ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنيا مىقياسىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم، يا بۇ شەھەردە يا ئۇ شەھەردە ئۆتكۈزىلىدۇ، - - - دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ خىتاينىڭ 1980 - يىللاردىكى باش مىنىستىرى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋتوڭ ئەپەندى، - - - ئولىمپىكنى دۇنيادىكى قايسى بىر دۆلەت ئۆتكۈزسە، شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىياپىتى ئادەتتە ناھايىتى نورمال بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش بەكلا قېيىن، بەكلا غەلىتە بولۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
2008-07-15
2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەركىنلىك ئاۋازى تور بېتىدە "خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت كەتتى"، ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور يەن چىڭچېن ماقالىنى مۇنداق باشلىدى: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لخاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە ئۇرۇش،چېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2008-07-15
2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەركىنلىك ئاۋازى تور بېتىدە "خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت كەتتى"، ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور يەن چىڭچېن ماقالىنى مۇنداق باشلىدى: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لخاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە ئۇرۇش،چېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2008-07-15
گېرمانىيە 2 - تېلېۋىزىيە قانىلى( ز د ف) نىڭ دىكتورى مارىتتا سلومكاس (مارىئەتتا سلومكاس) ۋە فىلىم رىياسەتچىسى ئاندېرىياس شىلىكېر (ئاندرېئاس سچلىئەكەر) قاتارلىقلار، بۇ ھەپتە دۈشەنبىدىن جۈمەگە قەدەر بېيجىڭدا كۈنىگە بىردىن جەمئىي بەش فىلىم ئىشلەپ، ز د ف قانىلىنىڭ "كۈندىلىك خەۋەر" پروگراممىسىدا نەق مەيداندىن مەلۇمات بارىدىغانغا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەتتە ئاي ئىلگىرىلا ئىجازەت ئالغان. ئۇلار خىتايدىكى ئىلغارلىقنىمۇ، قالاقلىقنى مەزمۇن قىلغان تېمىلاردا ھەر كۈنى بىردىن خەۋەر كۆرسەتمەكتە ئىدى.