ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-15
دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار شۇنداقلا بارغانسېرى قېيىنلىشىۋاتقان ھايات شەرتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
2008-07-15
كېسەللەرنى يوقلاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىلارنىڭ قويۇقلىشىشىغا، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئۆز - ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم بىر ئامىل. كېسەللەرنى يوقلاشنىڭ پەزىلىتى ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىش، يېتىملەرنىڭ باشلىرىنى سىلاشتەك ساۋابلىق ۋە ياخشى ئىشتۇر. بىر ھەدىستە:" ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىڭلار، كېسەللەرنى يوقلاڭلار"دەپ كەلگەن.
2008-07-15
ئەتە يەنى 16 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. پائالىيەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىشىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2008-07-15
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
2008-07-15
11 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىخەنزە شەھىرى قاتتىق بىر پارتلاش ئاۋازى بىلەن لەرزىگە كەلگەن. شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭ بىر مانېۋىر ئىكەنلىكىدىن ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندە خەۋەر تاپقان. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر 1 سائەت داۋاملاشقان.
2008-07-15
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەن ۋە بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
2008-07-15
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
2008-07-15
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى، بۇ يىل 22 - سېنتەبىر بىلەن 26 - سېنتەبىر ئارىسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2008-07-15
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
2008-07-15
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىگە ئائىت تەكلىپ سۇندى. خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، جورج بۇشنىڭ زىيارەت جەرياندا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى جىددىي بىر شەكىلدە سۆھبەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى تەلەپ قىلىندى.
2008-07-14
13 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە بەش ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ھەمدە قەشقەردە بەش ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-07-14
7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نامايىشنى د ئۇ ق باش شىتابى بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
2008-07-14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يەنە شۇ كۈنى قەشقەردە 20 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت جىنايى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا نامايىش ئۇقتۇرۇشى قىلغان ئىدى.
2008-07-14
خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇمچى رايونىدا بىگۇناھ 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ياۋايىلارچە ئېتىپ تاشلاشتەك قىلمىشى ۋە قەشقەردىكى خىتاي سوتىنىڭ 20 ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىپ 5 نەپەر ئۇيغۇر بالىسىغا ناھەق ھالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ۋە غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى.
2008-07-14
ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئويغا سالدى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قورالسىز بولۇشى، دىنىي سۆھبەت ئۈستىدە قورشاۋغا ئېلىنىشى، پاجىئەنىڭ ئولىمپىكقا 29 كۈن قالغان يەنى دۇنيا جامائىتى خىتايغا كۆزىنى تىكىپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئويغا سالغان تەرەپلىرىدۇر.