ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-07-07
تەرەققى تاپقان 8 دۆلەتنىڭ 34 - قېتىملىق يىللىق يىغىنى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ Hokkaido ئارىلىدا رەسمىي ئېچىلدى. يىغىنغا يىغىننىڭ ئەسلى ئەزالىرى بولغان 8 دۆلەت رەھبىرىدىن باشقا، خىتاي، ھىندىستان، برازىلىيە، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق تەرققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بولۇپ 22 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىش قارارىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدى.
2008-07-07
سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى 7 - ئىيۇل كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىدىكى توياكو شەھىرىگە جەم بولۇپ، بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ جەرياندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئايرىم ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىش خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.
2008-07-07
خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقىت يېقىنلاشقانسىرى، خىتايدىكى ھازىرقى تۇراقسىز ۋەزىيەتتىن شۇنچە بەك ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەنە ھەر خىل جىددىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى تېخىمۇ قاتتىق بولماقتا.
2008-07-07
كورىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كورىيىنىڭ پايتەختى سېئۇل شەھرىدە ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. يىغىن 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى رەسمى باشلىنىپ 6 - كۈنى ئاخىرلاشتى. ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن، "ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار... ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتىكى رىقابەت ۋە يىراق كەلگۈسى" ناملىق تېما ئاستىدا ئېچىلغان.
2008-07-07
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيە بۆلۈمىنىڭ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق ئىپادە قىلىنغان: "خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر زاتلىرىدىن رابىيە قادىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە قارشى تۇرۇش نامىدا قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالدى. بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ قەبىھلىشىپ كەتتى. خىتاي دائىرىلىرى بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئولىمپىكتىن ئىلگىرى يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا".
2008-07-07
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي پايتەختىنى ئالماتادىن ئاستاناغا يۆتكەپ مۇستەقىل قازاقىستان تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئىدى. بۈگۈن ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 10 يىللىق بايرام پائالىيەتلىرى قازاق خەلقىنىڭ دۇنياغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالدى.
2008-07-07
7 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس پارھات ھۇزەيفە ھەققىدىكى قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قەدىمىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ۋە جانلىق پاكىتى دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا مەزكۇر تۈرمىنىڭ چوقۇم تاقىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2008-07-07
بېيجىڭ ئولىمپىكى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي تەقىب قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىچكى ماتېرىياللاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىدىن بوشىتىلغان ئۇيغۇرلار يەنە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
2008-07-07
ئۆتكەن ھەپتە موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشى، خىتاي تېررىتورىيىسىگە تەۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغان 4 تۆت مىليونغا يېقىن موڭغۇل خەلقى ئىچىدە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر نامايىش يەنە ئىچى موڭغۇل رايونىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
2008-07-07
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى يېقىنلاپ كەلگەنسېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى خىتاي تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئايرودۇرۇملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، سىنگاپوردا چىقىدىغان "دېڭىز بوغۇزى گېزىتى" نىڭ خىتاي ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل خىزمەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن كۈچەيتىلگەن ئىكەن.
2008-07-07
بېيجىڭ ئولىمپىكى يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي تەقىب قىلىش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىچكى ماتېرىياللاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۈرمىدىن بوشىتىلغان ئۇيغۇرلار يەنە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
2008-07-07
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان پىلان قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، كومتەكس خەۋەرلەر تورىدا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق گۇرۇھى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، قۇرۇلۇش باشلانغان كۈنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت گۇرۇھى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خۇسۇسىدا ئۆزبېك نېفىت گاز شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەن.
2008-07-07
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان پىلان قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، كومتەكس خەۋەرلەر تورىدا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق گۇرۇھى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، قۇرۇلۇش باشلانغان كۈنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت گۇرۇھى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خۇسۇسىدا ئۆزبېك نېفىت گاز شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەن.
2008-07-06
يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباددا بىر قانچە مىڭ ئادەم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، لال مەسچىت ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2008-07-06
موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتوردا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ۋەزىيەت مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلدى.