ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-31
31 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى شىتابىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تەكلىپ قىلىپ بىر سۆھبەت ھەم دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى.
2008-08-31
ماۋزېدوڭدىن كېيىن خىتاينى قىسقا مۇددەت ئىدارە قىلىپ، سىياسىي سەھنىدىن غايىپ بولغان سابىق خىتاي رەھبىرى خۇئا گوفېڭ ئۈچۈن 31 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىكى مەخسۇس خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى دەپنە قىلىنىدىغان باباۋشەن قەبرىستانلىقىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-08-31
خىتاينىڭ سىچۇەن ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدە شەنبە كۈنى 6.1 بال يەر تەۋرەپ، يەنە كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، 32 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقتى.
2008-08-31
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە - گرۇزىيە مەسىلىسى جۈملىدىن رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە، ئابخازىيىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، رۇسىيىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەمدە رۇسىيە بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.
2008-08-30
30 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
2008-08-30
تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما نىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە يەكشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2008-08-30
تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن يېتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە تىجارەت مىنستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى، تۈرك تىجارەتچى ۋە سودىگەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شەنبە كۈنى بەش كۈنلۈك بىر زىيارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىققان.
2008-08-30
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ رەسمى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاساسلىنىپ 30 - ئاۋغۇست كۇنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن توقۇنۇشقان6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2008-08-30
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ رەسمى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاساسلىنىپ 30 - ئاۋغۇست كۇنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن توقۇنۇشقان6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
2008-08-30
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر تەبىئي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم، تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى پىلانلىغان يىللىق تەبئىي گاز مىقدارىنى 40 مىليارد مېتىر كۆپكە چىقىرىدىكەن.
2008-08-29
خىتاي ساقچىلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن يامان يار ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا، قىزىل بويى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يامان يار ۋەقەسىدە 3 ئامانلىق خادىمى ئۆلگەن بولسا، قىزىل بويى ۋەقەسىدە 2 نەپەر ساقچى ئۆلدى. خىتاي تەرەپ ئىككى ۋەقەنىڭ گۇماندارلىرىنى ئوخشاش بىر گۇرۇھ كىشىلەر دەپ قارىماقتا. ئەمما بۇ پەقەت بىر پەرەز.
2008-08-29
مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى نامىدا كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئۇلىنىپ مەخسۇس رامىزان ئېيى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنماقتا.
2008-08-29
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'دۆلەت بايرىمىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن 200 مىڭ ساقچى سەپەرۋەر قىلغان. خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا تايىنىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.
2008-08-29
ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيادا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولۇشقا داۋام قىلماقتا.
2008-08-29
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى كەچ يەنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دەنۋېر شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىدا مەزكۇر پارتىيىنىڭ 75 مىڭ كىشىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىلى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.