ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-15
'شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى' دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە 'ئولىمپىكنى قوغداش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى'دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىغان.
2008-08-15
مالايشيانىڭ باش مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناجىپ ئەپەندى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىغا بارغاندا، مالايشىيا تىلىدا لاياڭ - لاياڭ ئارىلى، خىتاي تىلىدا قالغاچ ئارىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاراللارنى مالايشيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بار ئارال دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن راجىپنىڭ باياناتىغا قارشى چىقىپ، بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى.
2008-08-15
بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى ئامېرىكا، برازىلىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2008-08-15
پولشا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا، پەيشەنبە كۈنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمدە، پولشا بالتىق دېڭىزى بويىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسىدىغان ئەسلىھەلەرنى جايلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا بولسا پولشانىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
2008-08-15
بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللي كىيىمىنى كىيگەن 56 مىللەت بالىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن بىر ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش بار ئىدى. ھازىر بۇنىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكى پاش بولۇپ قالدى.
2008-08-14
ئۆتكەن ئون كۈن ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋوللىرى ھېسابلانغان خىتاي ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىغا شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت بىنالىرىغا قارىتا ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنىڭ قايتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.
2008-08-14
تۈنۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋاڭ لېچۈەن، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. يىغىندا 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋاڭ لېچۈەن، شۇ قاتاردىكى ۋەقەلەرنى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە تاكتىكىلىق ئېلىپ بېرىلغان ۋەھشىي بىر ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەن.
2008-08-14
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قانچە جايلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خوڭكوڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىدا سەلبىي تەسىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، بىراق بۇنىڭ بىلەن بىرگە خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىقىمۇ قوزغالغان.
2008-08-14
بۈگۈن، بېيجىڭدا 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچتىن بىرى تۈگەپ قالغان ۋاقىتتا، خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە يەنىلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىلگەن تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ مەسىلىلەر بېرىپ خىتاي ھازىر ئىناق جەمئىيەت قۇرۇۋاتامدۇ ياكى نېمە قۇرۇۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىگە تاقالدى.
2008-08-14
2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، خىتاينى ئەيىبلەش، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھاياتىي خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەنقەرە نۇمۇنە دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا.
2008-08-14
4 - ئاۋغۇست قەشقەردە ھەم 10 - ئاۋغۇست كۇچادا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. بىشكەكتە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر ۋەقەلەرنى ئۆز ۋەتىنىدىكى تۈرلۈك بېسىملار بىلەن باغلاپ چۈشەندۈردى.
2008-08-14
مۇناپىقلار قايسى مىللەت ۋە قايسى جايدا بولمىسۇن، ئۇلار ھامان ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش يولىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ھەمىشە نەپرىتىگە ئۇچراپلا تۇرىدۇ. بۇ مۇناپىقلارنى قوللانغان بېسىمدارلارمۇ ئۇلارنى سۆيمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلىۋېتىدۇ.
2008-08-14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك داۋامىدىمۇ يەنىلا ئاخباراتچىلارغا ئەركىنلىك بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە بۈگۈن ئىنكاس قايتۇردى.
2008-08-14
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش گىروزىيە كرىزىسىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنى ئامېرىكىنىڭ گىروزىيىگە قاراتقان ياردەم ھەرىكىتىگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
2008-08-14
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 12 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى قاتناش تۈگۈنلىرىنى، تولۇق قوراللانغان ساقچىلار توساق قۇرۇپ 24 سائەت كۆزەت قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىۋاتقان ھەر بىر ئاپتوموبىل ئۈستىدىن قوراللىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى يۈرگۈزۈلمەكتە.