ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-12
بۈگۈن ئەتىگەن قەشقەردە يەنە ۋەقە چىقتى. ۋەقەدە يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يول تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا، 3 نەپەر ئامانلىق خادىمى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان.
2008-08-12
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىشقا باشلاپ، مۇشۇ بىر مۇراسىم ئۈچۈنلا 400 مىليارد يۈەن پۇل سەرپ قىلدى. بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىنغان ئادەم سانى چەكسىز.
2008-08-12
كۆزىتىش تور بېتى، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نورۋېگىيە "تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارى خەلقى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىنى مەشئەل ياندۇرۇپ تىبەتكە ياردەم بېرىش كۈنىگە ئايلاندۇردى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان 48 دۆلەت ۋە رايوندا مەشئەل ياندۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو رەھبەرلىرىگە "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مۇكاپاتى" تارقاتتى.
2008-08-12
كۆزىتىش تور بېتى، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نورۋېگىيە "تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارى خەلقى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىنى مەشئەل ياندۇرۇپ تىبەتكە ياردەم بېرىش كۈنىگە ئايلاندۇردى. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان 48 دۆلەت ۋە رايوندا مەشئەل ياندۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو رەھبەرلىرىگە "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مۇكاپاتى" تارقاتتى.
2008-08-12
4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى ۋە 9 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر بۈگۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە قىززىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت كەڭ دائىرىلىك مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەرگە يول ئېچىپ بەردى.
2008-08-12
سۆز ئېغىردىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز - چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە - پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل - مەنىۋى راكتۇر.
2008-08-12
يامانياردا ئۈچ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.
2008-08-12
يامانياردا ئۈچ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.
2008-08-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۇچادا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 90 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇ كىشىلەرنى قاتتىق قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن قىيناۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
2008-08-12
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەشقەرنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۈچ نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بىر نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ئېغىر يارىلانغان.
2008-08-12
روسىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، بەش كۈندىن بېرى گېروزىيىگە قارشى ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن گرۇزىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
2008-08-11
8 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن بولغاچقا بۈگۈنگىچە خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئەنقەرەدىكى نەمۇنە دوختۇرخانىسىنىڭ ياتاقخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى.
2008-08-11
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم بۈگۈن ئەتىگەن ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ كۇچادا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە قىسقا مەلۇمات بەرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا پارتكوم رەھبەرلىرىدىن مۇتەللىپ ھاشىم سۆز قىلىپ، ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقە دەپ ئەيىبلىگەن.
2008-08-11
كۇچادا 10 - ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر كۇچا شەھىرىگە كىرىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىنى قامال قىلىۋالغان.
2008-08-11
8 - ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە قوشۇنلىرى گرۇزىيىنىڭ جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونىغا كىرىپ، گرۇزىن قوشۇنلىرىغا زەربە بەرگەندىن كېيىن، گرۇزىيە ئارمىيىسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيىسى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە خانىۋەيران بولۇشى كېلىپ چىقتى.