ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-10
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىپ، 10 - ئاۋغۇست كۈنى كۇچادا بىر قاتار پارتلاشلار ھەم توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار دىققىتىنى مەزكۇر تېمىغا بۇراپ، تۈرلۈك ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى ئېلان قىلماقتا.
2008-08-09
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - ئاۋغۇست سەھەر، ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە بىرنەچچىلىگەن چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتىن كېيىن، ئوق ئاۋازلىرى داۋاملاشقان.
2008-08-09
جۈمە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئا ب س تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇزۇن بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۈندەۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئىسلامىي ھەرىكەتلەرگە يېقىنلىشىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، كۆرسىتىلگەن.
2008-08-09
تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي بېيجىڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەنبە كۈنى ئۆزلىرىنى تىبەت بايراقلىرىغا ئورىۋالغان بەش تىبەت پائالىيەتچىسى تىيەن ئەنمىن مەيدانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

گرۇزىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسىېتىيە رايونىدا رۇس ھەربىي قىسىملىرى بىلەن گرۇزىيە ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن باشلىغان قاتتىق توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، گرۇزىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى گرۇزىيىدە ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلدى.
2008-08-08
بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئالدى بىلەن چۈشتە جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەلىرىدىن بىرى بولغان قوجاتەپە مەسچىتىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر شېھىتلەرنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى.
2008-08-08
بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيۇن مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئولىمپىككە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
2008-08-08
ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا باشلىنىشى بىلەن خىتاي دائىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىمۇ قايتىدىن باشلاندى.
2008-08-08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بېيجىڭدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ ئالدىنقى كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا خىتايدىكى كىشىلىك مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
2008-08-08
تەيبېي شەھىرىدە تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ھەر ساھە تەيۋەن خەلقى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە ئەركىنلىك مەيدانىغا توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ ئۆتكۈزگەن نامايىشتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ سۆز قىلغان.
2008-08-08
2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يېڭى ئىرا تور بېتىگە "تېررورچىلىقنى كىم پەيدا قىلغان بولسا، شۇ كىشى تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئىچىدە قالىدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالە يازغان تۇڭ مىڭ ئەپەندى، ماقالىنى مۇنداق باشلىدى : بۈگۈنكى كۈندە يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن، ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن پارتىيە، پەقەت ياۋۇز كوممۇنىستىك پارتىيە بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ پارتىيە جۇڭگودا قاباھەتلىك تەبىئىتىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا پاش قىلىپ، دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويۇشنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈزۈپ، " ئولىمپىك مۇراسىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش " دەيدىغان گەپ بۇيىچە، تەڭداشسىز دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك، بېيجىڭ شەھىرىنى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى تۈرمىگە ئايلاندۇرغاندا، ئازراق شەپە كەلسىلا بۇ پارتىيە خۇددى بالايى - ئاپەت يىتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىدىغان پارتىيە بولۇپ قالدى.