ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-08
گرۇزىيە ھۆكۈمىتى گرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان جەنۇبىي ئوسسىتيە پايتەختى سىشىنۋالىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە تانكا قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ جەنۇبىي ئوسسىتيە پايتەختىگە كىردى.
2008-08-08
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، بىر ئۇيغۇر نامايىشچى ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
2008-08-08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سۆز ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى. بۇش بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىدى.
2008-08-08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سۆز ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى. بۇش بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىدى.
2008-08-08
خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى قەشقەردە دىندار كىشىلەر ۋە ئاتالمىش " ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرغۇچىلار"غا قارىتا باشقۇرۇش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئولىمپىككە قارشى تاسادىپى ھۇجۇملاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2008-08-08
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
2008-08-08
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
2008-08-07
7 - ئاۋغۇست ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون رايونىدا خىتاي ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دە ئامېرىكا پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ئارقا قورۇسىغا توغرا كېلىدىغان لافايت باغچىسىدا باشلاندى.
2008-08-07
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇش خىتايغا يېتىپ كېلىشتىن سەلبۇرۇن تايلاند پايتەختى بانكوك شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئاشكارە تەنقىدلىگەن ئىدى.
2008-08-07
8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
2008-08-07
8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشنىڭ نەق مەيدان خەۋىرى سەھەر سائەت يەتتىدىن باشلاپ گېرمانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان A R D دا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.
2008-08-07
قەشقەردە ئابدۇراخمان ئازات، قۇربانجان ھىمىتلەر خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىنكاس ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
2008-08-07
بۇنىڭدىن قىرىق تۆت يىل ئىلگىرىخىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي 1964 - يىلىدىن باشلاپ 1996 - يىلىيادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغىنىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر سىناق مەيدانىدا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى سىناقلىرى بولۇپ 46 قېتىم ئاتوم بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بارغان.
2008-08-07
قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن پۇقرالار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر يېقىندا بىشكەكتە دېموكراتىيىنى قوغداش كونفىرانسىيىسى چاقىرىپ ، قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتى ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2008-08-07
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىغا تەڭ ئورۇن بېرىپ، ئىككى تەرەپ باياناتى ئارىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقنى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى.