ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-07
تۇنجى بولۇپ رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى نىكاراگۇئا دۆلىتى ئېتىراپ قىلدى.
2008-09-07
ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتوم - يادرو كېلىشىمى يېقىندا ۋىئېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتوم - يادرو ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدا تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، 45 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا قارشى چىققان.
2008-09-05
بىز ئۆتكەن ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ، ئاتۇش دائىرىلىرىنىڭ ، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان رېستۇران ھەم ئاشخانا خوجايىنلىرىغا بۇ رامىزاندا تىجارەتنى توختاتماسلىق كاپلەتنامىسىغا مەجبۇرى قول قويغۇزۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق ، ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىل دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق دەخلى - تەرۇز قىلىش تەدبىرلىرى ئوخشاشلا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە يېزىلىرىدىمۇ يۈرگۈزۈلمەكتە.
2008-09-05
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىكى بىر ئايال خىزمەتچىنىڭ خىزمەتتىن قوغلانغانلىقى ۋە قاماقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزدە مەزكۇر شەخىسنىڭ مەھبۇبە ئابلەش ئىكەنلىكى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئېلان بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
2008-09-05
1 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، باش شتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى ھەققىدە "غەربنى ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپەت" ناملىق بىر تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى.
2008-09-05
2008 - يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى 1 - ئايدا باشلانغان ئىدى. 6 - ئايغىچە ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر شىتاتلار بۇيىچە سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا نامزات كۆرسەتتى.
2008-09-05
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ۋە تۈرك خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكى دەپ قارىماقتا. يەنە كېلىپ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش، تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئاناتولىيىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
2008-09-05
مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر، يەنى پىكرى ھۆكۈمەتنىڭ پىكرىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاپ ياكى نەزەر بەنت قىلغاندىن كېيىن،مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلق ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلارنى خۇددى قوي پادىسىنى ھەيدىگەندەك ھەيدەپ كېلىپ ئۆگىنىش كۇرسىغا تەشكىللىگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى بېيجىڭ شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن ئىنتايىن قىممەتكە توختىغان ئولىمپىك مۇراسىمى بېيجىڭدا باشلانغان ئىدى دەپ باشلايدۇ 2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى " كۈزىتىش تور بېتى" گە ماقالە يازغان گۈي زۇ ئەپەندى.
2008-09-05
ۋېيتنام ھۆكۈمىتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ۋېيتنامغا ھەربىي "ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈش پىلانى" مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىگە رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەن.
2008-09-05
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بروكىڭىز ئىنىستىتۇتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "خىتايدا كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادلار"، دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىتەكچىلىكىدىكى بىر ئۆمەكنى يوللىغان بولۇپ، ئۆمەكنىڭ تەركىپىدە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن ئادىلجان ھاجى كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بار ئىكەن.
2008-09-05
ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر كۈنى ئىپتاردىن كېيىن مەسچىتلەرگە يىغىلىپ تەرەۋى ئوقۇشىنى چەكلىگەن.
2008-09-05
ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتىدىكى سانت پائۇل شەھىرىدە ئېچىلغان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى پەيشەنبە كۈنى يېپىلدى.
2008-09-05
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي ئۇكرائىنىيە زىيارىتىدە رۇسىيىنىڭ تەھدىتىنى ئىما قىلىپ، ئوكرائىنىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىدىن خالى ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە ئوكرائىنىيىنىڭ ش ئا ئو ئە ت غا ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.