ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-01-30
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باروسسودىن خىتاي مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
2009-01-30
شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق ھەربىي ۋە سىياسى كېلىشىملەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالغا تۇتقان دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2009-01-30
پرېزىدېنت ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر ھەپتە ئۆتە - ئۆتمەيلا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
2009-01-29
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە "مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەننى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ بارغانچە كۈچەيتمەكتە.
2009-01-29
29 - يانۋار كۈنى گېرمانىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېكېل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، ئېكسپورت مەسىلىلىرىنى مەركەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئانگېلا مېكېل تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
2009-01-29
ھېكىم سىيىت بۇ يىل 33 ياش، ئۇ پىيانىنو، دۇتتار ۋە تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكىلارنى چالغاندىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتا قىززىقچى - لەتىپىچى. شېئىر، قوشاقچى، ئۇ كۆپ تەرەپلىمە سەنئەت ماھارىتى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىدە تونۇلغان بىر خەلق سەنئەتكارى، يۇرتنىڭ توي - تۆكۈنى، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىدە مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇنى سىنئالغۇغا ئېلىپ لىنتا ئىشلەش ئۇنىڭ قوشۇمچە بىر ھايات يولى.
2009-01-29
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان "خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش" يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ب د ت غا تونۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت باشلىغانلىقى مەلۇم ئىدى.
2009-01-29
ئىنتېرنېت تېخنولوگىيىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار تېخى ئاشىكارىلانمىغان نۇرغۇن تارىخى پاكىتلارنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاشكارىلانمىغان بەزى مەسىلىلەرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشقا تىرىشماقتا.
2009-01-29
ئىنتېرنېت تېخنولوگىيىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار تېخى ئاشىكارىلانمىغان نۇرغۇن تارىخى پاكىتلارنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاشكارىلانمىغان بەزى مەسىلىلەرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشقا تىرىشماقتا.
2009-01-29
كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى پىلانلىماقتا.
2009-01-29
خىتاي مەتبۇئاتلىرى، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تەۋەلىكىدىن بولغان 16 چەتئەللىكنى خروئىن ئەتكەسچىلىك دېلوسى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2009-01-29
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، گېرمانىيىدە " خىتاي، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئادىل ۋە تەڭپۇڭلۇقى" نى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
2009-01-29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، داۋوستا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان " دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرى" يىغىنىدا غەززەنىڭ 613 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2009-01-29
ھەر قايسى ئەللەردە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلار كالېندارى بۇيىچە كېلىدىغان يېڭى يىل مەزگىلىدە، ئۆزلىرىگە ۋەتىنىگە قايتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
2009-01-29
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە " قىشلىق قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى قوزغاپ، 8 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە 81 ئادەمنى قولغا ئالغان.