ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-02-28
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى يېقىندا، مەكتەپلەرنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرىتارلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا سۆز قىلغان.
2009-02-28
سىچۇەن ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا، بىر تىبەت راھىب ئۆزىنى كۆيدۈرگەندە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئوققا تۇتقان.
2009-02-28
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىروفۇنى ناكاسونې بۈگۈن خىتاينى زىيارەت قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ناكاسونې بۇ قېتىم خىتاي بىلەن بۇرۇن تۈزگەن ھەمكارلىشىپ ئېنېرگىيە ئېچىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن.
2009-02-28
بەش بۈرجەكلىك بىنا ھازىر خىتايدىن ئافغانىستان مەسىلىسى، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش مەسىلىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇرەككەپ مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتە.
2009-02-28
بۈگۈندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللۇنۇشقا باشلىدى.
2009-02-27
گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭغا مەزكۇر مەھبۇسلار مەسىلىسىنى قايتا ئەسلەتتى.
2009-02-27
فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، فرانسىيىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنىدا مىللەتلەر باراۋەرلىكىنىڭ قوغدالغانلىقىنى، ئەمما ئىجرا قىلىشتا بولسا بۇ باراۋەرلىكنىڭ فرانسىيىدە ئەمەلىيلەشكەنلىكى، خىتايدا ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.
2009-02-27
ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى تارو ئاسو سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئاق سارايدا كۆرۈشكەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەل باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2009-02-27
2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەخمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-02-27
2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دارىمسىلادا ياشاۋاتقان تىبەتلەر مۇنداق كۆرسەتتى: خىتاي ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىگە، غەرەزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن تىبەت خەلقى، تىبەتلەرنىڭ تىلى، تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىبەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى، تىبەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.
2009-02-27
كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىستىلاسىغا ۋە ھاكىمىيىتىگە قارشى 1959 - يىلى 3 - ئايدا يۈزبەرگەن تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 - يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەتلىكلەر دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە ۋە تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 - يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ھازىرلانماقتا.
2009-02-27
گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئادۋوكاتلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا خەت يېزىپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىردى.
2009-02-27
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۈمە كۈنى ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى كېلەر يىلى 8 - ئايغا قەدەر چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-02-27
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىتىنى تەنقىتلىگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى پەيشەنبە كۈنى "ئامېرىكىنىڭ 2008 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىدى.
2009-02-27
ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش سەۋەبلىك توختاپ قالغان ھەربىي سۆھبەت جۈمە كۈنى ئەسلىگە كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا - خىتاي سۆھبەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئۇچراشقان.