ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-03-23
نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركىي ۋە ئىران خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تارىخى، ئەنئەنىۋى بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۇن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشى ۋە گۈزەل باھار ئايلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئىناقلىق ۋە تەبىئەت بايرىمىدۇر.
2009-03-23
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى نورۇز بايرىمىنى ھەر يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە نورۇز بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى.
2009-03-23
تەبىئەت ئويغانغان بۇ باھار پەسلىدە بۇ نورۇز بايرىمى قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا زور كۆلەمدە تەنتەنە قىلىنغان بولۇپ ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ۋە مەدەنىي تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئەلۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.
2009-03-23
يوپۇرغا ناھىيىسى، مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدە خەلق ئەسكەرلىرى سانىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، قەشقەر ئامانلىق تورىدا بۇلارنىڭ يەنە خىتاي ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ " ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش" ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2009-03-23
ئاقسۇ ۋىلايىتى مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدىكى دىنىي زاتلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە دىنىي زاتلارنى سىياسىي مۇقىملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش باش تېما قىلىنغان دىنىي خىزمەت يىغىن چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا تارقاق ھەج قىلىشقا قارىتىلغان چەكلەشنى كۈچەيتىش قايتا تەكىتلەنگەن.
2009-03-23
23 - مارت كۈنى تەيۋەن دائىرىلىرى، خىتاي پەۋەس ھۆكۈمەت خادىمى گو كۇاڭ يىڭنى خىزمەتتىن بوشاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، گو كۇئاڭيىڭ ئىنتېرنېتتە خىتاينى قوللايدىغان بىرنەچچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىكەن.
2009-03-23
تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى يېڭىدىن تەسىس قىلغان " ئاۋاز" قانىلى 21 - مارت شەنبە كۈنىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان ۋە كاۋكاز رايونلىرىغا قارىتىلغان سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدىن پروگرامما تارقىتىشنى باشلىدى.
2009-03-23
ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈتكەندىن تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىد نۇرى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2009-03-22
22 - مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالىي تېخنىكومى ھېسابلىنىدىغان " ۋىرجىنىيە كوممۇنىتي كوللېجى"نىڭ ئېرنست مەدەنىيەت زالىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-03-22
سابىق پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىش مۇشەررەپ تەرىپىدىن 2007 - يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن پاكىستان ئالىي سوت باشلىقى، ئالىي سوتچى ئىپتىخار چائۇدىرى 22 - مارت كۈنى رەسمىي تۈردە ئۆز ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلگەن.
2009-03-22
ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەشمىردە ھىندىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى گۇمانلىق ئادەملەرنى ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا كەشمىر قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچلىرى بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئالتە نەپەر ھىندىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى جەڭچىسى ۋە 4 نەپەر قارشىلاشقۇچى - جەڭچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2009-03-22
چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە تىبەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن لاگياب بازىرىدا شەنبە كۈنى تىبەتلەرنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشى كېلىپ چىققان بولۇپ، چىڭخەي ھۆكۈمىتى 22 - مارت كۈنى ئالتە ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، يەنە 89 ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككى نەپەر ئادەم راھىب ئەمەس ئىكەن.
2009-03-21
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تۇرۇۋاتقان دارامسالادا، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بار، ئۇنىڭ نامى 'تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى.'
2009-03-21
ئالەم پونكىتىنىڭ قوياش نۇرىدىن ئېلېكتىر ھاسىل قىلىش قۇرۇلۇشى 10 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىدى.
2009-03-21
بۈگۈن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي قورال ئىسكىلاتىغا ئوت كەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالمۇتىدىن بايان قىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچ سائەت 11 دە، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي قورال ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن، ئەمما خەۋەردە، بۇ ھەربىي قورال ئىسكىلاتىنىڭ كونكرېت ئورنىنى، نامىنى ۋە ئوت كېتىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.