ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-04-27
25 - ئاپرېل شەنبە كۈنى، ئۇيغۇر دارۋاز سەمەت ھەسەن خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى جاڭجياجى رايونى تيەنمېن تېغىدا 3 تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.
2009-04-26
26 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى ھېللارىي كلىنتون لىۋاننى زىيارەت قىلدى. 25 - چىسلادا ھېللارىي خانىم تۇيۇقسىزلا ئىراقنى زىيارەت قىلىپ، باغدادتا ئىراق رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.
2009-04-26
چوشقا زۇكىمى دەپ ئاتالغان يەنە بىر يېڭى يۇقۇملۇق كېسەل ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت سۈپىتىدە پەيدا بولدى. لاتىن ئامېرىكىسى ئەڭ جىددىي تەھدىت ئاستىدا بولۇپ، مېكسىكىدا بۇ كېسەل بىلەن 81 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
2009-04-26
موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن " قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى: ياۋروپا يولى" ماۋزۇلۇق دۈگلەك ئۈستەل يىغىنىدا سۆز قىلغان قازاقىستاننىڭ رۇسىيىدىكى باش ئەلچىسى ئادىلبېك جاكسىبېكوف قازاقىستاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-04-26
26 - ئاپرىل كۈنى سىرىلانكىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا تامىر يولۋاسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق سىرىلانكا ھۆكۈمەت تەرەپ تامىر يولۋاسلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغان.
2009-04-26
يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكو باشلىق ئۇكرائىن رەھبەرلىرى پايتەخت كىيېۋ شەھىرىدىكى چېرنوبىل قۇربانلىرى ئۈچۈن ئورنىتىلغان خاتىرە ئورنىغا بېرىپ، گۈلچەمبىرەك قويۇش ئارقىلىق بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو ئىستراتېگىيىسىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان چېرنوبىل قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى.
2009-04-25
ئەبۇبەكرى قاسىمنىڭ پرېزىدېنت ئوباماغا يوللىغان بۇ خېتى، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى Sabin Willett نىڭ ياردىمىدە تەييارلىنىپ، ئەنگلىيىلىك يازغۇچى Andy Worthington تەرىپىدىن، " گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىدىن باراك ئوباماغا بىر پارچە خەت" ناملىق ماقالىسىنىڭ تەركىبى قىسمى قىلىپ ئېلان قىلىنغان.
2009-04-25
جۈمە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە قارىتا قارشى پىكىر چىقتى.
2009-04-25
4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 'دۇنيا بىلىم ھوقۇقى كۈنى' ئىدى. خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى دەل مۇشۇ كۈندە، ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا، دۇنيا بىلىم ھوقۇقى كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن نام ئاستىدا كىتاپ كۆيدۈرۈشنى پىلانلىغان.
2009-04-25
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، قازاقىستان تەرەپتىن 6 - 7 ئايلاردا چېكەتكە ئاپىتى كېلىدۇ، خۇددى ئالەمنى بۇلۇت قاپلىغاندەك پەيدا بولىدىغان بۇ ئاپەت يەر يۈزىدە ھېچنېمە قالدۇرماي يەپ تۈگۈتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.
2009-04-25
'ھىندىستان تايمىس' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چىدامبارام 'خىتاي ھازىر سىرىلانكا كرىزىسىدىن پايدىلانماقچى بولىۋاتىدۇ،' دەپ كۆرسەتكەن.
2009-04-25
فالۇنگوڭچىلار ھازىر دۇنيا سەھنىسىگە قايتىدىن قەدەم باسماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فالۇنگوڭچىلار بۈگۈن خوڭكوڭدا دىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ باستۇرۇشىغا قارشى نامايىش قىلدى.
2009-04-24
گۇەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىن 7 نەپىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئادۋوكات ئىلزابىت گىلسون خانىم گۇەنتانامونامو ئۇيغۇرلىرى دېلوسىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بۇ ھەقتە يېقىندىن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2009-04-24
خىتاي، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا ھەرخىل ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ يولىنى توسۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئاقسىتىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ھەققىدىكى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز بايان قىلىپ كەلمەكتە.
2009-04-24
خىتاي، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا ھەرخىل ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ يولىنى توسۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئاقسىتىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ھەققىدىكى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز بايان قىلىپ كەلمەكتە.