ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-04-28
خىتاي ئالىي سوتى قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنى" بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش " نىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۆرسەتكەن خىزمەت نەتىجىلىرى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك تۆھپە مۇكاپاتى بىلەن ھەمدە پۈتۈن ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق سوت مەھكىمىلىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك تۆھپە مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلىغان.
2009-04-28
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى داۋام قىلماقتا.
2009-04-28
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پارتكوم كاتىبات باشقارمىسى بىر نەچچە كۈن ئالدىدا، خىتاي پارتكومىنىڭ 27 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا تارقاتقان.
2009-04-28
27 - ئاپرىل كۈنى، 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيون تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرى نيۇيوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇلار 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاق تاشلىق كىتاپ ئېلان قىلغان.
2009-04-27
مېكىسكىدا 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چوشقا زۇكامى بايقالغان ئىدى. بۇنداق جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ھامان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىنسانىيەت ھازىر جىددىي يۇقۇملۇق كېسەلىككە دۇچ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاممىۋىي تازىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.
2009-04-27
پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قوراللىق تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقى ئولىمپىكتىن بۇيانقى خەۋەرلەردە پات - پات تىلغا ئېلىنماقتا. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ سانى، تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.
2009-04-27
22 - ئاپرېل گوللاندىيىنىڭ ئالمىر شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى گوللاندىيە ئالمىر شەھەرلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش مەركىزى ئاۋانتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.
2009-04-27
ياپونىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى يىپەك يولى تەتقىقاتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
2009-04-27
يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنى پۇلغا سېتىۋالغانلىقى، ھەتتا يالغان دىپلوم ياساشتەك ساختىلىقلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئىناۋىتى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن.
2009-04-27
16 - ئاپرېل كۈنى ئالمۇتادىكى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىياتچىلار سارىيىدا تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرەسى ۋە ئەدەبىياتشۇناسى پاتىگۈل مەقسەتوۋانىڭ 50 ياشلىق خاتىرە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.
2009-04-27
بۇ يىل بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنىڭ 100 - يىلى بولۇپ، تۇنجى نېفىت قۇدۇقى 1909 - يىلى مايتاغدا ئېچىلىپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.
2009-04-27
پاكىستان دائىرىلىرى ۋەزىرىستان رايونىدىن تۇتۇلغان 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، پاكىستاندىن چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر "ئۇيغۇر جەڭچىلەر" نىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغاش قاتارلىق بىر قىسىم ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2009-04-27
26 - ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدېر گۇەنتانامودىن ئالدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بىر قىسىم مەھبۇسلار مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-04-27
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خروفۇمى ناكاسونې، خىتاي دائىرىلىرىنى يادرو قوراللىرى تەرەققىياتى جەھەتتە ئوچۇق - ئاشكارا بولمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
2009-04-27
ئەنگىلىيە دائىرىلىرى گۋەنتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جەك ستۋارت بۇ سۆزلەرنى، 27 - ئاپرىل لوندوندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدېر بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايان قىلغان.