ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-04-23
" تيان شان تورى " خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، " ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى " نىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەشەمەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇيىل كىرگەندىن بۇيان يىغىۋېلىنغان 668 مىڭ پارچە شەھۋانىي ۋە " قانۇنسىز نەشرىيات بۇيۇمى " بىت - چىت قىلىنغان.
2009-04-23
ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "ئەجدەرھا بىلەن كۈرەشكۈچى" دېگەن نامدىكى بىئوگرافىيىسى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ "نيۇ يورك ۋاقتى" گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلدى.
2009-04-23
ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈك ئارىسىدىكى يولدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2009-04-23
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي خاكىرلىرىنىڭ ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىسىڭ ئىنتېرنېت سىستېمىسىغا كىرىپ، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھىسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى رەت قىلدى.
2009-04-23
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما پات يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ. دالاي لامانىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش - كۆرۈشمەسلىك مەسىلىسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قىزىقتۇرىدىغان نازۇك مەسىلە بولۇپ قالماقتا.
2009-04-23
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارە تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.
2009-04-22
گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان خىتايچە ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان "ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ" تارقىتىلىشىغا ئالتە كۈنگە قەدەر توسقۇنلۇق يارىتالىشى، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتايدىكى چوڭ كىچىك تور بەت، مۇنازىرە مەيدانلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.
2009-04-22
خىتاي جەمئىيىتى كەلگۈسى 50 يىلدا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەر نېمىلەردىن ئىبارەت ؟ ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2050 - يىلغا كەلگەندە ياشانغانلار دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ خىتايغا ئېغىر ئىقتىسادى يۈك پەيدا قىلىپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا جىددى تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2009-04-22
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ باكۇدىكى مىڭ بىر كۈي نەشرىياتى تەرىپىدىن 4 توم قىلىپ نەشىر قىلىندى.
2009-04-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 8 - ئاپرېل ئىجرا قىلىنماي جۇغلىنىپ قالغان دېلولارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش بويىچە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا جۇ خەيلۇن 2008 - يىلدىن بۇيان جۇغلىنىپ قالغان بارلىق دېلولارنىڭ 30 - ئاپرېلغىچە قايتا كۆرۈپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2009-04-22
تۈركىيە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسۇللىرى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا تۈركىيىدە 15 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن.
2009-04-22
قازاقىستاندا يېقىندا ئېلان قىلىنغان خىتاي - قازاق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسىدا، خىتاي بىلەن ھەددىدىن زىيادە يېقىن بولۇپ كېتىشنىڭ قازاقىستان بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2009-04-22
سەئۇدى ئەرەبىستانى شىركەتلىرى خىتايدىن كېلىدىغان ماللارنىڭ ماركىلىرىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىدىن شىكايەت قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تاموژنىسىنىڭ مەسئۇللىرى خىتايدىن كەلگەن مەخسۇس ۋەكىلگە بۇ شىكايەتلەرنى يەتكۈزگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن راھەتسىز ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.
2009-04-22
ئۈرۈمچى خەۋەر تورى' نىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلارنى رازۋېتكا قىلىش ئەترىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۈرۈمچىدە 'قارا گۇرۇھلارنى نازارەت قىلىش' دېگەن نام بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
2009-04-22
بۈگۈن 'ۋولت سترىت جۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان 'خىتاينىڭ كامپيۇتېر جاسۇسلۇقى' مەۋزۇلۇق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىلغار بومباردىمانچى ئايروپىلان پىلانىغا دائىر سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشقا تىرىشىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بۇنداق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسى تامامەن خىتايدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.