ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-05-15
مەرھۇم ئۇيغۇر كومپۇزىتورى كۈرەش كۈسەننىڭ رەپىقىسى، ھازىر شىۋىتسىيىدە ئوقۇۋاتقان بەختىگۇل خانىم، مەرھۇمنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى شىۋىتسىيە دۆلەت مۇزىيىغا تاللانغانلىقىنى، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى باشلىنىدىغان كۆرگەزمىدىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ مۇزىكا مىراسلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2009-05-14
بۈگۈن يەنى 14 - ماي كۈنى خىتايدىكى مەشھۇر ئۆكتىچى زات باۋ تۇڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى جاۋ زىياڭغا ئائىت بولغان بىر يۈرۈش ئاۋاز لېنتىسىنى رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە يوللاپ بەردى.
2009-05-14
5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئالاھىدە يەر ئىگىلىدى. بۇ خەۋەر، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە جامائىتى نەزىرىدە ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
2009-05-14
تۈركىيە "جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى" نىڭ 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ زىيارەتنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىگانلىقى يېزىلغان.
2009-05-14
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنكې كاننون خىتايغا قىلغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ بۇ زىيارەتنى يەكشەنبە باشلىغانىدى. دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كاننوننى، سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قوبۇل قىلدى.
2009-05-14
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنكې كاننون خىتايغا قىلغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ بۇ زىيارەتنى يەكشەنبە باشلىغانىدى. دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كاننوننى، سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قوبۇل قىلدى.
2009-05-14
يېقىندا قىرغىزىستان ئاقجول پارتىيىسى بېشكەك شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
2009-05-14
قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىگە يېقىندا مەزكۇر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنى تولۇقلايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىلدى، مەزكۇر ئېلاندا ئېلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايلار 50% نى ئىگىلەيدىكەن.
2009-05-14
يېقىندا شۋېتسىيىنىڭ بىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنى ئادىل ھېكىمجاننىڭ پاناھلىق دېلوسى ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىپ، تۆۋەن سوتنىڭ ئادىلغا پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى توغرا دەپ ئېلان قىلغان.
2009-05-14
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13 - ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلغان ۋە ئامېرىكا تەرەپنى سوغۇق ئۇرۇش روھىي ھالىتىدە بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.
2009-05-14
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن يەنە 150 نەپەر ياش فۇجيەنگە يولغا سېلىنغان. تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ ياشلار قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزۇتۇش مۇراسىمى بىلەن ئىچكىرىگە يولغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 4 - تۈركۈمدىكى ياشلارنىڭ ئىچكىرىگە خىزمەتكە ئەۋەتىلىشى ئىكەن.
2009-05-14
خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ ئۆيىدە نەزەربەنتتە تۇتۇلۇۋاتقان ۋاقتىدا مەخپىي ھالدا ئۈنئالغۇغا ئېلىپ قويغان ئەسلىمىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسى خىتايدا 7 يىل تۈرمىدە يېتىپ، ھازىر ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىدا ياشاۋاتقان، جاۋ زىياڭنىڭ سىياسىي سەپدىشى باۋ تۇڭ تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا نەزەربەنتتە تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا خەت يازغان.
2009-05-14
14 - مايدىكى ئۇيغۇر خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىش خىزمىتى باشلانغان. جۇڭغار ئويمانلىقى كۆمۈر گازى قاتلىمىنى چارلاش - تەتقىق قىلىش بىرلەشمە جەڭ گۇرۇپپىسى، دەپ قۇرۇلغان بىر گۇرۇپپا قاراماي نېفىتلىك چارلاش، ئېچىش، تەتقىق قىلىش ئورنىدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ بۇ ئۇيغۇر دىيارىي نېفىتلىكىنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش تەتقىقاتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
2009-05-14
ئەركىن ياۋرۇپا رادىئوسى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇلار ئەنجان ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشماقچى دېگەن نام ئاستىدا ئاختۇرۇلۇپ قولغا ئېلىنغان.
2009-05-13
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە، "قوش تىل مائارىپى" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە - مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.