ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-05-13
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە، "قوش تىل مائارىپى" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە - مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
2009-05-13
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، خىتاينىڭ ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ۋەقەگە توغرا باھا بەرمەيۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولمىغان بىر پوزىتسىيە دەپ تەنقىد قىلدى.
2009-05-13
1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، 1992 - يىلىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ تۈركىيىدە ئوقۇتۇش ئىش پىلانى باشلىتىلغان ئىدى.
2009-05-13
شائىرلار مىللەتنىڭ ساداسى شائىرلار مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا قايغۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چارە ئىزدەيدۇ، شائىرلار ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن خەلقنى ھەقىقەتكە ئۈندەيدۇ، خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ئىلىم - مەرىپەتكە چاقىرىدۇ.
2009-05-13
گۈەنتانامو تۇرمىسىدىكى توققۇز نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسى گېرمانىيە جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەر ئارىسىدىمۇ كەسكىن تالاش - تارتىشلارغا سەۋەبچى بولماقتا.
2009-05-13
11 - ماي كۈنى ئالماتادىكى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە پېشقەدەم شائىر ساۋۇت ئىسكەندەروفنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-05-13
ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ھازىرغا قەدەر ھايات ياشاۋاتقان ئۆز ۋاقتىدىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللى ئارمىيىسى جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازىيىپ، ساناقلىق كىشىلەرلا قالدى. بۇ كىشىلەرنىڭ بىرى قىرغىزىستاندا ياشايدىغان ياقۇپ ھاجى ئەلى ئوغلىدۇر.
2009-05-13
ب د ت نىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ھازىر پاكىستانغا ئايرۇپىلان بىلەن توشۇلماقتا. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن چېدىر، پاشىلىق، پىلاستىك چاتما ۋە يېپىلغۇ قاتارلىق جىددىي كېرەكلىك بۇيۇملارنى يۈكلىگەن بىر يۈك ئايروپىلانى پشاۋۇرغا قوندى.
2009-05-13
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقى بۈگۈن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەردىن بىرنى، يەنى بىر خىتاي جاسۇسىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالاقە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ دېلۇن 2004 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، خىتاي جاسۇسى گو تەيشېڭغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەشىقى ۋە تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن 8 پارچە ھۆججەتنى ساتقان.
2009-05-13
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىن يەنە بىر تۈركۈم مۇسۇلمان دىنىي زاتلارنى بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي يۇرتلىرىغا ماڭغۇزدى. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ رادىئو ئىستانسسىى' نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق قاتارلىق بەش مىللەتتىن 50 نەپەر دىنىي زاتنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خىتاي يۇرتلىرىغا ماڭغۇزۇشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتە بۇ كىشىلەر ئۈچۈن مەخۇس 'سۆھبەت يىغىنى' ئاچقان.
2009-05-13
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىر شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئارا بىر كېلىشىم تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.
2009-05-13
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامى تارقىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر 33 كە يەتتى. چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار سانى 5 مىڭ 728گە يەتتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىدا 3009، مېكىسكىدا 2059. چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارلار ھازىر خىتاي، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بايقالدى.
2009-05-12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 21 - مايدىن 25 - مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2009-05-12
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىسلام ئابادتىن خەۋەر قىلىشغا قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيىسى سەيشەنبە كۈنى سەرھات رايونىدا تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا يەنىمۇ كەڭ ھۇجۇم باشلىغان.
2009-05-12
بۈگۈن خىتايدا بۇلتۇر 12 - ماي، سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن غايەت زور يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى خاتىرە مۇنارىغا گۈل قويغان ۋە بۇلتۇرقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان خەلق ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا تەزىيە نۇتىقى سۆزلىگەن.