ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-05-11
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، گېرمانىيىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىشلار يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
2009-05-11
قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئالىم ئەزىز نارىنبايىف بۇ يىل 85 ياشقا تولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام بۇ ھەقتە ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ھەققىدە ئالىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
2009-05-11
بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىغا 30 يىل تولغان يىل. بۇ 30 يىل خىتاي ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە قانداق پايدا مەنپەئەت ۋە زىيانلار ئېلىپ كەلدى؟
2009-05-11
ئۆتكەن 10 نەچچە كۈن جەرياندا پاكىستاننىڭ سەرھات ۋادىسى قاتارلىق قەبىلە رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشتا، يۇرتىنى تاشلاپ چىققان مۇساپىرلار سانى 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-05-11
خىتايدا تۇنجى چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى بايقالغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر يۇقۇمدار ئامېرىكىدىن خىتايغا قايتقان خىتاي ئوقۇغۇچى ئىكەن.
2009-05-11
خىتاي ھۆكۈمىتى يەكەن ناھىيىسىدە بۇ يىل مارتتىن باشلاپ مىللىي ئىشلار ۋە دىنغا قارىتىلغان باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار 5 تۈرلۈك تەدبىر بەلگىلەپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يېزىلاردا، يوشۇرۇن بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىدىكى دىنىي زاتلار ۋە ئىدىيىسى خىتاي "كومپارتىيىسى بىلەن بىردەك" بولمىغان دىنىي زاتلارنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە دىنىي زاتلار ئۈستىدىن ئەھۋال ئىگىلەش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، تەھلىلچىلەر بۇنى ئۇيغۇر ئېلدە دىني ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلەش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىماقا.
2009-05-11
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال " ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مەزكۇر كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-05-11
مېكسىكا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چوشقا زۇكىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز پۇقرالىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئاي شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " يېمەك - ئىچمەك يەرمەنكىسى" گە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2009-05-10
5 - ئاينىڭ 9 - كۇنى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغان مۇراسىم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ۋە بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-05-10
سىرىلانكىدىكى تايىمىر يولۋاسلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ شەنبە كۈنى كېچىدىن ئېتىبارەن سىرىلانكىنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلارغا قارىتا توپقا تۇتۇش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە مىڭدىن ئارتۇق تايمىر پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.
2009-05-10
قازاقىستاندا چىقىدىغان " قازاقىستان ھەقىقىتى" گېزىتىنىڭ تارقاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ يىل ئىچىدە قازاقىستاننى رەسمىي زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ قازاقىستان سەپىرىدىن كېيىن، 2010 - يىلى قازاق رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ۋاشىنگتوندا ئاق سارايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
2009-05-09
شىنخۇا تورىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان، قونجىراپتىكى خىتاي چېگرا ساقچىلىرى، پاكىستانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قاراقۇرۇم تاغلىرىدا يول ياساۋاتقان ئىشچىلاردىن، تاغلاردىن تاش دومىلاپ چۈشىدىغان ۋەقەلەرگە ئۇچراپ قايتىپ كېلىۋاتقان يارىدارنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.
2009-05-09
نيۇيوركتا چىقىدىغان 'كۈندىلىك خەۋەر' گېزىتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو بازىسىدا ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ يېرىمىنى، گۇەنتانامو خادىملىرى ۋېرجىنياغا ئەكىلىپ قويۇپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2009-05-09
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستاننىڭ مىنگورادىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن پاكىستان قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىي ئۇرۇشتا خەلق كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان.
2009-05-09
رۇسىيە بۈگۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش دېگەن نام ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات ھەر يىلدىكىدىن ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.