ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-06-24
ئالماتا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى دۆلىتى بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ ئاتلىق دىۋىزىيون كوماندىرى ئازادلىق جەڭچىسى مىرزىگۈل ناسىروف ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-06-24
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.
2009-06-24
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى چېقىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىم كېيىشىنى چەكلىمەكتە. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، باش كېيىم كېيىشنى چەكلەش قەشقەر شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى باشقا يۇرتلارغىمۇ كېڭەيتىلگەن.
2009-06-24
كوكو-كولا شىركىتى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىنىڭ قاچىلاش زاۋۇتلىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ ئۇرۇمچىدە قۇرۇلغان قاچىلاش زاۋۇتى ھازىر ئىش باشلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن ئاز دېگەندە 8 مىڭ كىشى ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى يارالدى.
2009-06-24
جالال ئابادتا 6 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى ئېلىپ بېىرلغان بىر قېتىملىق 'تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەت' تە رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى ۋە بىر نەپەر يېتەكچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈزبېكستان، قىرغىزستان، تاجىكستانلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان پەرغانە ۋادىسىدا، ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقان ئىدى.
2009-06-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تۈنۈگۈن كەچتە ئىراننى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەنقىدلىدى. لوس ئانجىلىس تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما تۈنۈگۈن كەچتە ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە 'ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەكتە' دېدى ۋە 'ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس' دەپ قەيت قىلدى.
2009-06-24
خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىي ليۇ شاۋبو بۈگۈن قولغا ئېلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئېلان قىلىنغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' نى يازغان مۇستەقىل يازغۇچى ليۇ شاۋبو خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى، ئەمەلدارلارنى ئوچۇق - ئاشكارا سايلاشنى، خەلقنىڭ پىكىر قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي قىسىملارغا، ھۆكۈمەتكە، سوت مەھكىمىلىرىگە بولغان كونتروللۇقىغا خاتىمە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نەزەربەنتكە ئېلىنغان ئىدى.
2009-06-23
ئىراندا 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇمھۇر رەئىسىلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، گەرچە سايلامدىن بۇرۇنقى راي سىناشلاردا ئەھمەدى نىجاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبلىرىدىن بىرى بولغان مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنىڭ سايلامدا ئۇتۇۋېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام نەتىجىسىدە ئەھمەدى نېجاتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىق گۇمانلىرىنى قوزغىغان ئىدى.
2009-06-23
ئۆتكەن يىلى خىتايدا سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يىمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى مەسىسلىسى خىتايدا سەزگۈر بىر مەسىلىگە ئايلاندى. چۈنكى سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى خىتايغا زور تىجارىي زىيان كەلتۈرۈپلا قالماي خىتاينىڭ ئىجتىمائىي قاتلام ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى بىر قاتار ئاجىزلىقلارنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى.
2009-06-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى پارتلىغان غۇلجا فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، غۇلجىدىكى ئەسلىدىكى يەرلىك كارخانىلارنى تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تاقاشقا باشلىغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن تېرە يۇڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللىي سانائەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان غۇلجىنىڭ يەرلىك مىللىي سانائىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.
2009-06-23
6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن قارىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى قاتناشقان.
2009-06-23
گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئەرزىيەت كومىتېتى خادىملىرى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەسىلىلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.
2009-06-23
مانا بۇ سوئال، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، بولۇپمۇ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بىرىلىپ ئەنگىلىيە كونتروللۇقى ئاستىدىكى جەننەت ماكان - بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
2009-06-23
دۇنيادا ھاياتلىققا مەنا ئىزدىگەن ئەمما مۇستەبىتىزم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا دېموكراتىزم بىلەن مۇستەبىتىزم ئوتتۇرىسىدا سايلامغا مۇناسىۋەتلىك پارتلىغان نامايىش قان تۆكۈشكە ئايلىنىپ كەتكەندە، خىتايدا خۇبى ئۆلكىسىنىڭ شىشۇ شەھىرىدە زور كۆلەملىك نامايىش پارتلاپ، نامايىش ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقا ئايلاندى.
2009-06-23
خالىۋۇد فلىمچىسى مارك فوستېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر كونىشەھىرىنى خاراپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھېسياتىنى ئىپادىلىدى. مارك فوستېر 'لەگلەك' فىلىمىنى ئىشلىگەندە قەشقەردە تۇرغان، قەشقەر كوناشەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنلىرىنى چۈشەنگەن.