ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-06-19
خىتاي زىيالىسى ساۋ چاڭچىڭ 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قوش ئايلىق ژۇرنالدا "4 - ئىيۇن تراگېدىيىسى ۋە زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
2009-06-19
بېرمۇدا "رويال گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ۋە نازارەت تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلل دېلېيخۇنت بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى بېرمۇداغا بېرىپ، مەزكۇر ئارالدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بىلل دېلېيخۇنتنىڭ ئىشخانا مۇدىرى مارك فورېست "رويال گېزىتى"گە بەرگەن مەلۇماتىدا دېلېيخۇنتنىڭ بېرمۇداغا بېرىپ، يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-06-19
بېرمۇدا باش مىنىستىرى ئېۋارت بروۋېن پەيشەنبە كۈنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنى بېرمۇداغا مەزكۇر قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبى ئۆزىگە نارازى كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى پەرەز ئىچىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-06-19
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويىدىغان دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ تور قوللانغۇچىلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن تور شىركەتلىرىنى جازالايدىغان قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
2009-06-19
سلوۋاكىيە ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر دۆلەتتە زىيارەتتىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق نامايىشىدا 9 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
2009-06-19
ئىران ئالى دىنىي رەھبىرى ئاياتۇللاھ خامېينىي تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۈمە خۇتبىسى سۆزلەپ، ئىران پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئۆكتىچى نامزاتى ھۆسەييىن مۇسەۋىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كوچا نامايىشىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. ئۇ ئىراندا يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى يۈز بېرىپ باقمىغان زور كۆلەملىك نامايىشلارغا سەۋەب بولغان بۇ سايلامدا ئەخمەدىنىجادنىڭ "ھەل قىلغۇچ غەلىبە " گە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2009-06-18
2001 - يىلى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا ش.ت. ئى ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلى چىقارغان بۇ قارارى ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالارنىڭ سۇئال - سوراقلىرىغا دۇچ كەلدى.
2009-06-18
قەشقەر قەدىمىي رەستىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغاۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن خەۋەردار، قەشقەرنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنى ئېچىندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي بىلىم يۇرتى بولغان قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭمۇ خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق يەر يۈزىدىن مەڭگۈلۈك يوقىتىلغانلىقى ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
2009-06-18
شۋېتسىيەدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر جاسۇسلۇق گۇماندارى ئۈستىدە بۈگۈن شۋېتسىيەدە ئېچىلماقچى بولغان سوت ئىككى ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەن. ھالبۇكى، سوتقا قاتنىشىش ئۇچۇن بارغان شۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دېلوغا ئالاقىدار ئادۋوكاتلار جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى يەنە مەخپىي تۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىسىمنى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاشكارىلىغان.
2009-06-18
شۋېتسىيىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، گۇماندارنىڭ ئىسمى بابۇر مەخسۇت، مىللىتى ئۇيغۇر، يېشى 61 ياش.
2009-06-18
يېقىندا، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى باكۇ كاۋكازىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رامىز ئەسكەر ئەپەندىگە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى بەرگەن.
2009-06-18
6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى دەنھاك شەھرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشقان.
2009-06-18
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاينىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چىقىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلدى.
2009-06-18
نۆۋەتتە گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارغا بولغان قىززىقىشى كۇچەيمەكتە.
2009-06-18
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ "جۇڭگو ۋاقتى گېزىتى" دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.