ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-29
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئېرلاندىيە بۈگۈن ئوباما ھۆكۈمىتىگە، گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلاردىن 2 ئۈزبېكنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندا، ۋىنگېرىيىمۇ، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن تۆتنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2009-07-29
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ساۋ جژخېڭنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يېقىندىن بۇيان، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەردىن ئىز قوغلاپ تۇتقان ئادەم سانى 253 كە يەتتى.
2009-07-29
رابىيە خانىم بۈگۈن توكيودىكى مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشقا قاتناشقان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.
2009-07-29
خىتاينىڭ 'يەر شارى ۋاقىتى گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ تاشقى بايقال تاموژنىسى تۈنۈگۈن ، تاشقى بايقالدىن مانجۇرىيىگە يۆتكىلىدىغان يۈكلەر ئىچىدىن، رۇسىيىنىڭ سۇخۇي بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق سېستىمىسى قاچىلانغان يەشىكلەرنى بايقىغان.
2009-07-28
دوۋﯤ تور بىتى شاڭگاڭدا نەشر قىلىنىدىغان "ئەينەك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل نامايىشى" ۋە "5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىپ "شىنجاڭ مۇستەقىللىقى" يەنى مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
2009-07-28
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
2009-07-28
تۈركىيە 5 " - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى" دىكى قىرغىنچىلىقىغا ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەرىكىتىنى " ئىرقىي تازىلاش" دېگەن ئىدى.
2009-07-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا تەشۋىقات كۈرىشى كەسكىنلەشمەكتە.
2009-07-28
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 28 - ئىيۇل كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. رابىيە قادىر خانىم، ياپونىيىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئات مۇخبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى شۇنىڭدەك ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۈتىۋېلىندى.
2009-07-28
'ھىنىدستان دۆلەت مۇداپىئە كۆزەتكۈچىسى' گېزىتىدە 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى بخارات ۋېرما ئەپەندىنىڭ " خىتاي ئەسەبىلەشسە، 2012 - يىلىدىن بۇرۇن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن " دېگەن تەسەۋۋۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ بېسىپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
2009-07-28
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقەگە ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت بوپقالدى. گەرچە باشقا دۆلەتلەر تۈركىيىدەك ئېنىق ۋە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قالايمىقانچىلىقلارنى دەرھال توختىتىپ، گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە بۇ ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىردى.
2009-07-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن نامايىش تەشكىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات پائاليەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كانادا خەلقى ئارىسىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە، سىستېمىلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىش تورى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
2009-07-28
ياپونىيە زىيارىتى ئۈچۈن 27 - ئىيۇل ۋاشىنگىتوندىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەمرىيى بىلەن، 28 - ئىيۇل كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى نارىتا خەلقئارالىق ئايرودرومغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى.
2009-07-28
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھىندىستان ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت بولغانلىق خەۋىرىنىڭ چىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، رابىيە خانىمنىڭ ھېچقاچان ھىندىستانغا ۋىزا ئىلتىماسى سۇنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
2009-07-28
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قامال قىلىنغان بىر قىسىم تور ئالاقە ھەم تېلېفون لىنىيىلىرى مۇلازىمىتىگە قاراتقان كونتروللۇقىنىڭ بىر قىسمىنى 28 - ئىيۇل كۈنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.