ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-02
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن باغداتقا كەتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى باغدات سەپىرىدە ئىراقنىڭ پرېزىدېنتى جالال تالىبانى ۋە باش مىنىستىرى نۇرى ئەل - مالىكى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، جو بايدىن بۇ ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش نىيىتىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
2009-07-02
خىتايدا چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى ئۆلدى. 34 ياشلىق بۇ بىمار جېجياڭ ئۆلكىسنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن ئىتىبارەن H1N1 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالنىۋاتقان ئىدى.
2009-07-02
رۇسىيە فېدىراتسىيىسى پرېزىدېنتى دىمىترى مېدۋېدىيىف كېرىمنى سارىيى تور بېتىدە ئېلان قىلغان سۆزىدە ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى ، رۇسىيىنىڭمۇ ئىجابىي قەدەم ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە تېخىمۇ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-07-02
جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىدا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبىلار 2 - ئىيۇل سەھەردە ئېتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق تىپتىكى بومبا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
2009-07-01
گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن 26 - ئىيۇن ۋەقەسىگە ھازىرغا قەدەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت ئىپادە بىلدۈردى. ئەمما ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ھازىرغىچە سۈكۈت قىلماقتا. مۇقىملىق ھەققىدە ھەر ۋاقىت تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان نۇر بەكرى 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى ۋە 118 ئۇيغۇرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋەقەسىگە بىر ئېغىزمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى.
2009-07-01
26 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن مەزكۈر زاۋۇتقا ئىشچىلىققا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ھەمدە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 400 ساقچى، 152 نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى، 48 قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشقا سېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
2009-07-01
مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسى سىيەك يېزىسىدىن بولغان ئالىمجان قۇربان يېقىندا پەقەت ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىپ دۋىگاتېل (ماتور) نى ھەرىكەتلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە كەشپىياتچى ئالىمجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2009-07-01
ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىنى يىغىپ، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە جورنالىستلىق كۇرسى ئاچتى. 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرستا جورنالىستلىقنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرى، پروگرامما يېزىش ئۈچۈن قانداق ئىزدىنىش،، زىيارەت قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە دەرس ئۆتۈلمەكتە.
2009-07-01
قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ "جاس ئالاش گېزىتى" 23 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدىكى 400 گە يېقىن قازاق ياشلىرىنىڭ پرېزىنت نازاربايىفقا يازغان بىر پارچە ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلدى.
2009-07-01
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرىي يۆتكەپ كىلىنگەن ئۇيغۇر ياللانما ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىۋاستە مەھسۇلى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تراگىدىيىنىڭ باش جاۋابكارىمۇ دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت !
2009-07-01
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن ناھىيىسىدىكى شۈيرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن خەۋەردار يەرلىك خىتايلار 25 - چىسلا كېچە يۈز بەرگەن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئون نەچچىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-07-01
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا 100 مىليون دوللار قەرز بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-07-01
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى باش ئەلچىسى گۇڭ شاۋشىڭ، تۈركىيە پرېزىدېنتىنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن پىنھان ئۇچراشقان.
2009-07-01
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ۋە خەلقئارا بېسىملار سەۋەبى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلىدىغان كومپيۇتېرلارغا تور سۈزگۈچى "يېشىل توسما" يۇمشاق دېتالى قاچىلاش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرگەن. خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى "يېشىل توسما" يۇمشاق دېتالى قاچىلاش قارارىنىڭ 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ھۆكۈمەت مەزكۇر قارار كۈچگە ئىگە بولۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن "يېشىل توسما" پىلانىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2009-07-01
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى 10 - ئايغا كېچىكتۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ئالىي سوتنىڭ 10 - ئايدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزى ئۈستىدىن قارار چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.