ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-30
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، رابىيە قادىر خانىم مۇھىم ئىشى تۈپەيلىدىن ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرماستىن ئامېرىكىغا قايتىشقا مەجبۇر قالغان. ئۇنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيىتىنى يولدىشى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى داۋام قىلدۇرماقتا.
2009-07-30
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" راستتىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقاندەك "چەتئەللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن بولغان ۋەقە "مۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى راستلا بەختلىك ياشاۋاتامدۇ ؟ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب قەيەردە ؟
2009-07-30
يېقىندا قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قۇرمانبىك باقيىيىف قايتا سايلانغان بولۇپ، ئەمما قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر سايلامدا ساختىلىق سادىر بولغانلىقى، شۇڭا سايلام نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ پرېزىدېنتلىق سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.
2009-07-30
خەلقئارا ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتىر سىكالنىك نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە كۈنمىڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، جەمئىيەتنىڭ 16 - يىغىنىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-07-30
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29 - ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ ۋە سايباغ رايونلىرىدا يېڭىدىن 4 ساقچىخانا قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ساقچىخانىلارغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش نامى ئاستىدا 500 نەپەر ساقچىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلغان.
2009-07-30
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 15 كىشى ئۈستىدىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئېلانى چىقاردى.
2009-07-30
بۈگۈن يەنە خىتاي تىلىدىكى ئۈچ فىلىم ئاۋسترالىيە مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. فېستىۋالنىڭ باياناتچىسى لۇيىس ھېسېلتىننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ فىلىملارنىڭ رېژىسسورلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىمنىڭ فېستىۋالغا قويۇلغانلىقى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ئاي فېستىۋالنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ فىلىملىرىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرگەن ئىكەن.
2009-07-30
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ چارشەنبە كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى قايتا ئويلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ " بۇ سىياسەتلەرگە چوقۇم تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك" دېگەن.
2009-07-29
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن يەنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقە قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلدى.
2009-07-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم 28 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيىگە يېتىپ بارغان ئىدى. 29 - ئىيۇل كۈنى رابىيە قادىر خانىم توكيو شەھىرىدىكى خەلقئارا ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
2009-07-29
خىتاي ھۆكۈمىتى "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ئاي ئاۋستىرالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ ئاۋستىرالىىيىدىكى دىپلوماتىك ۋەكىلى كانبېررا دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى راھەتسىزلىكىنى يەتكۈزگەن.
2009-07-29
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋام ئېتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2009-07-29
"خىتاينىڭ 'يېڭى چېگرىسى' دىكى كونا ماجىرا" ناملىق ماقالە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يېزىلغان نادىر ماقالىلاردىن بىرىدۇر. ماقالە كورىيە ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
2009-07-29
- 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە، دەل رابىيە قادىر سودا سارىيى يېنىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋە قانلىق ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر نەپەر پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى قازاقىستاندىكى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.
2009-07-29
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مەنىۋىي يېتەكچىسى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئوت يۈرەك دىنىي ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان يېتۈك ئالىم ئىدى.