ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-28
ب ب س نىڭ 28 - ئىيۇل خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ غەربىي يوركشىر West Yorkshire شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسى ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يۈك ساندۇقىدىن ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.
2009-07-28
فرانسىيە ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " خرىستىئان دېنى تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتقا، 28 - ئىيۇل كۈنى قەشقەردە يېپىق سوت ئېچىلغان.
2009-07-27
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 27 - ئىيۇل كۈنى ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي پائالىيىتى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داللاس ئايرودرومىدىن يولغا چىقتى.
2009-07-27
خىتاينىڭ خەلقئاراغا بەرگەن باياناتىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇ مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس" دېگەن سۆزى، خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.
2009-07-27
2006 - يىلى خىتاي مەدەنىيەت تارىخى بۇيىچە نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ كلۇگ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۈتۈپخانىسىدا مەخسۇس خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مۇتەخەسسىس، 76 ياشلىق يۈ يىڭشى ئەپەندى يېقىندا 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا 'ئۇيغۇر تارىخىدىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نەزەر' سەرلەۋھىيىلىك تارىخىي ئوبزور ئېلان قىلدى.
2009-07-27
ئىسلام كونفىرانسى، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى، ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئاددىي بىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ زۇلىمى سەۋەبىدىن رايوندىكى خەلىقنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
2009-07-27
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.
2009-07-27
7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەنقەرە باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى" ماۋزۇلۇق دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى چاقىردى.
2009-07-27
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە يېڭى بىر ئىسىم قويدى. مەسىلەن، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر باش ماقالىدا، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى " رابىيەلەر " دەپ ئاتالغان.
2009-07-27
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل نامايىشىدا ئۆلگەن كىشىلەرگە ئىئانە توپلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىل ئىئانە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ قىلىنغان.
2009-07-27
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۈگۈن ياپونىيىگە يولغا چىققان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىگە يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2009-07-27
رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھاجەتلىك فىلىم ئاۋسترالىيە فىلىم فېستىۋالىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى مەزكۇر فىلىمگە سېتىلغان بېلەتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2009-07-27
بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى بۈگۈن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
2009-07-27
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جەينجۇ 21 - ئىيۇلدىن 24 - ئىيۇلغىچە يەنە ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، بوشۈن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ بۇ نۆۋەت "ئۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلىپ، قالايمىقانچىلىققا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن" كەلگەن.
2009-07-26
26 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.