ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-26
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، ئالدىنقى كۈنى تورونتو شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قۇترىتىدىغان تەشۋىقاتلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
2009-07-26
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى " دىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقى ھەم، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇش ئۇچۇن،تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
2009-07-26
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
2009-07-26
خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالنىڭ تور بېكىتىگە شەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلغان ھەمدە فېستىۋال توربېكىتىدىكى مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇپ خىتاي بايرىقى رەسىمى ۋە " بىز فىلىمنى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما رابىيە قادىرغا ئۆچ" دېگەندەك شوئارلارنى چاپلاشقان.
2009-07-25
س ن ن نىڭ ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىن خېلى ئەپەندىنىڭ 'خىتاي ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەك' دېگەن ئوبزورىنى، بۈگۈن 'گېرمانىيە ئاۋازى' ۋە خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي شەھەر گېزىتى'، 'مىڭپاۋ گېزىتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى كۆچۈرۈپ باستى.
2009-07-25
ئاۋسترىيىدىكى ORF تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، جىلىندىكى توڭخۇا پولات زاۋۇتىدا غەزەبلەنگەن نامايىشچىلار، بۇ زاۋۇتنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن يىلىغا 3 مىليون يۇەن مائاش ئېلىپ تۇرۇۋاتقان باش شىركەت مۇدىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.
2009-07-25
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ستانسىسى بۈگۈن، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا ئەرەب تىلى قوللىنىلىدىغان 22 دۆلەتتە ياشايدىغان 300 مىليون خەلققە قارىتا 24 سائەت توختىماي ئۇچۇر بېرىدىغان ت ۋ قانىلى تەسسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2009-07-25
'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتى بۈگۈنكى شەنبىلىك سەھىپىسىدە، ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا بىر يېرىك ماقالە ئېلان قىلىپ، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بولغان كۆز قارىشىمۇ توقۇنۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2009-07-24
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەسمىي شەكىلدە دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چەتئەلدىكى ئاخابارات ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ۋە دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2009-07-24
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىنىڭ قاراڭغۇ كېچىلىرىدە، ئارقا كوچىلىرىدا نېمىلەر بولغانلىقى تېخى تولۇق ئاشكارىلانغىنى يوق. ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
2009-07-24
شىنخۇا تورى ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە شۇ كۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك تاماملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، شۇنداقلا، - 13 ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىتكە قىڭراقلارنى تەييارلاپ كىرگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ نامازخانلارنى جىھاتقا چاقىرىپ، مەسچىت قوغدىغۇچىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە ۋەقەلىك جەريانىنىڭ سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ تارقاتقان ئىدى.
2009-07-24
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تاكسىم مېترو ئىستانسىسى كۆرگەزمە زالىدا ۋە ئېمىنۆنۈ يېڭى جامى ئالدىدا 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى ئەيىبلەش ۋە خىتاي ساقچى ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەھشىيانە جىنايى قىلمىشلىرىنى قېرىنداش تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن رەسىم ۋە فىلىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
2009-07-24
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربى مەشقى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەربىي مەشقنى كۆرىۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى چېن بىڭدﯤ بۈگۈن 'شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرى'غا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر چىقىرىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
2009-07-24
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۈنەۋەر ئوغلانى، ئاتاغلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكانتى مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن بىرگە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا 50 يىل تولدى. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇنىڭ 50 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىراق مەرھۇمنىڭ ھاياتى بۇ كۈننى كۆرۈشكە نىسىپ ئەتمەي ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
2009-07-24
قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئەسلىدىكى پرېزىدېنتى باقىيېف يەنىلا يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان.