ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-07-24
2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە " شىنجاڭدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئىجتىمائى ئادالەت ھەمدە ئىقتىساد مەسىلىسىدۇر" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە ئىېنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ چىقتى.
2009-07-24
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنى ۋەھىمە قاپلىغان بولۇپ، قەشقەرمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاشلا "ئەسكەر دېڭىزى" غا ئايلانغان. نۆۋەتتە قەشقەر كوچىلىرىنى خىتاي ئەسكەرلىرى چارلاپ يۈرمەكتە ئىكەن.
2009-07-24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جۈمە كۈنى، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى نامايىشىغا سەۋەبكار "گۇماندارلارنى ۋە نامايىش جەريانىدا جىنايەت سادىر قىلغانلارنى پات ئارىدا قولغا ئېلىپ جازالايدىغانلىقى" توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ۋە "زوراۋان جىنايى قىلمىشلارغا تۆمۈر مۇشت بىلەن زەربە بېرىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
2009-07-24
موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي ماللىرى بازىرىنى تاقىۋەتكەندىن كىيىن، خىتاي - رۇسىيە سودا مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
2009-07-24
خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي شەھىرىدە كىشىلەرنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بىر پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر پەرزەنتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ خىلدىكى ئائىلىلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدىكەن.
2009-07-23
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" سەۋەبىدىن 16 كۈندىن بۇيان سودا قىلىش چەكلەنگەن خەلقئارا چوڭ بازار چارشەنبە كۈنى مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستانسىمىزنىڭ ھوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارا چوڭ بازار ئىچىدىكى 4 مىڭدىن ئارتۇق دۇكاننىڭ ئاران يېرىمى ئېچىلغان شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت دۇكاندارلارنى ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن 3 سائەت بۇرۇن دۇكان تاقاشقا مەجبۇرلىغان.
2009-07-23
نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارالماقتا. ئۇنداقتا بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن قورچاق رەئىسى نۇربەكرىنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بار ؟
2009-07-23
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى باياناتىدىلا، ۋەقەنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋە خىتاي مەكىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ شىمىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ۋەقەنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قايتا - قايتا تەكرارلىدى.
2009-07-23
شىۋېتسىيدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئۇلار - 22 چېسلا شۋېتسىيىنىڭ سانائەت شەھىرى ۋە ئىككىنچى پايتەختى ھېسابلانغان يۆتوبورى شەھىرىدە خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
2009-07-23
7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە، د ئۇ ق نىڭ 6 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بېلگىيە پايتەختى بريوسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزىدە قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
2009-07-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئەمما د ئۇ ق رەھبەرلىرى مەزكۇر ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.
2009-07-23
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان شۇنداقلا دۇنيا مەتبۇئاتىدىمۇ ئەڭ كۈچلۈك دىققەت تارتقان ۋەقە بولدى.
2009-07-23
قىرىم تاتارلىرى ئۇكرائىنىيىدىكى خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۇناھسىز پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان تاتار مىللىي مەجلىسى باياننامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا چىدىماي كوچىلارغا چىققان خەلقنى بولسا تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر بىلەن قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز پۇقرالىرىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.
2009-07-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان خىتاي ساقچىلارنىڭ كوچىلارغا چىققان ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئۈستى بېشىنى ئاختۇرۇپ ئۇلارنى قاتتىق ساراسىمگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
2009-07-23
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.